رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 5619 قېتىم كۈرۈلدى
ئىراندىكى 14 ياشلىق ئۆسمۈر كېلىن ئۈچ يىلدىن كېيىن ئېرىنى ئۆلتۈرىۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-06 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

بۇ يىل ئاپرېلدا، ئىرانلىق بىر ئانا ئۆز ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى ئۆلۈم جازاسى مەيدانىدا كەچۈرىۋېتىپ، ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالدى.

خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى. [نۇر تورى تەرجىمىسى] ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»نىڭ 19-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراندىكى ئۆسمۈر كېلىنچەك توي قىلىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن ئېرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ دېلو تالاش-تارتىش قوزغىغان، چۈنكى بۇ قىز دېلو سادىر قىلغان ۋاقىتتا 17 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن، خەلقئارا قانۇندا بولسا 18 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش چەكلەنگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قىزنىڭ ئىسمى رازىھ ئىبراھىمى (Razieh Ebrahimi). ئۇ 14 ياش ۋاقتىدا مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنغان، 15 يېشىدا ئانا بولغان، 17 يېشىدا يەنى توي قىلىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇ ئۇخلاۋاتقان ئېرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. ھازىر بۇ قىز 21 ياشتا بولۇپ، ئىراندىكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلار قامىلىدىغان تۈرمىگە قاماقلىق، پات يېقىندا ئۆلۈم جازاسى ئىجىرا قىلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ، ئاتىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئېرىگە ياتلىق بولغانلىقىنى، تويدىن كېيىن دائىم دېگۈدەك ئېرىنىڭ ھاقارەت قىلىشى ۋە ئۇرۇپ-سوقىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيىتتى.
ئىگىلىنىشىچە، رازىھ ئېرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، جەسىتىنى ئارقا ھويلىغا كۆمۈپ قويغان، ھەمدە، يالغاندىن ئېرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتقان. ئۇنىڭ ئاتىسى كۈيئوغلىنىڭ جەسىتىنى تاپقاندىن كېيىن، قىزىنى ساقچى تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاشكارىلانغان.
ئىگىلىنىشچە، ئىران «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى» (ICCPR)گە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئەھدىنامىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايەتچى دېلو سادىر قىلغاندا 18 ياشقا توشمىسا، سوت ئورگانلىرى ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولمايدىكەن. لېكىن، ئىراننىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، جىنايى ئىشلار جازاسى بېرىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ياش چېكى ئوغۇللارنىڭ 15 ياش، قىزلارنىڭ توققۇز ياش، مۇنداقچە ئېيىتقاندا، 15 ياشتىن تۆۋەن ئوغۇللار ۋە توققۇز ياشتىن تۆۋەن قىزلارنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ.
بۇ يىل ئاپرېلدا، بىر ئىرانلىق ئايال جازا مەيدانىدا ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىنى كەچۈرۋېتىپ، ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭ بوينىدىكى دار ئارغامچىسىنى يېشىۋېتىپ، ئۇنى ئۆلۈمدىن ئامان قويغان. بۇ دېلو ئىراندىكى نەچچە ئونلىغان ئائىلىگە ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارمۇ شۇ بويىچە قىلغان. لېكىن، رازىھ ھازىرغىچە ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كەچۈرۋېتىشىگە ئېرىشەلمىگەن.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203