رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 6817 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگودىكى بىردىن بىر قېنى ساپ ئاق تەنلىك مىللەت – تاجىكلار
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-06 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : bbs.chinanews.com

1. «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتىلىدىغان پامىر ئېگىزلىكىدە بىر قەدىمىي شەھەر بار، ئۇ بولسىمۇ تاشقورغان.



2. بۇ يەردە باتۇر، ئاقكۆڭۈل، ئاددىي ساددا كېلىدىغان تاجىك مىللىتى ياشايدۇ، ئۇلار قەدىمىي شەرقىي ئىرانلىقلارنىڭ ئەۋلادى، يەنى قېنى ساپ ئاريانلار بولۇپ، جۇڭگودىكى بىردىن بىر قېنى ئەڭ ساپ ياۋروپا ئادەملىرى يەنى ئاق تەنلىكلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مىللەت دەل تاجىكلار، بۇ تۇپراقنى ناھايىتى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆز ۋەتىنىنى ناھايىتى قىزغىن سۆيىدىغان بىر مىللەت.

3. بۇ مىللەتنىڭ ھازىر پەقەتلا 50 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مىللەتنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق كىنو ۋە شۇ ناملىق تىياتىرنى كۆرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن، شۇ فىلىمدە تەسۋىرلەنگىنى دەل مۇشۇ تاجىكلار.

4. تاجىك مىللىتى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغاندا ياشاپ كەلدى. بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 4000 نەچچە مېتر ئېگىز، بۇ يەردە دۇنيا بويىچە 2 – ئورۇندا تۇرىدىغان تاغ چوققىسى چوگورى چوققىسى بار، يەنە دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرۇدىغان ئەڭ چوڭ مۇز تاغ بار، ھاۋا كىلىماتى ۋە مۇھىتى ناھايىتى ناچار، دەل مۇشۇنداق سەۋەبلەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تاجىكلار ئۆزلىرىنىڭ ساپ ياۋروپا قان سىستېمىسىنى ساقلاپ قالالىغان.


5. تاجىك بالا

6. كىچىكىمىزدىنلا ئاتا ئانىمىز ۋە بوۋىلىرىمىز، مومىلىرىمىز بىزگە ۋەتەننى سۆيۈش، ھەر بىر ئوچۇم تۇپراقنى سۆيۈش توغرىسىدا تەربىيە قىلىدۇ، مېنىڭ دادام ماڭا كىچىكىمدىلا ئۆزۈمنىڭ بىر جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمنى بىلىشىم كېرەكلىكىمنى، جۇڭگولق بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخرلىنىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا تەربىيە قىلاتتى، دادامنىڭ تەربىيەسى بىلەن مەن ۋەتەننى ناھايىتى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم بولۇپ چىقتىم. گەرچە بىزنىڭ تەققى تۇرقىمىز باشقا جۇڭگولۇقلارغا ئانچە ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ، مەدەنىيىتىمىز ۋە تىلىمىز ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ بىراق بىزدە جۇڭگونى قىزغىن سۆيىدىغان بىرلا يۈرەك بار.


7. چۈنكى جۇڭگو زېمىنىدا بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئاياق ئىزى بار، قەبرىسى بار، بۇ يەردە بىزنىڭ يىلتىزىمىز بار، يەنى بىزنىڭ قان تومۇرىمىزدىكى گېن بار، بۇنى مەڭگۈ ئۆچۈرىۋەتكىلى بولمايدۇ، ۋەتەننى سۆيۈش بىزنىڭ ناھايىتى سەمىمىي مۇھەببىتىمىز، شۇنداقلا بۇ مۇقەددەس بۇرچىمىز. بىزنىڭ بۇ جاي جۇڭگو پاكىستان چېگرىسىغا يېقىن، بۇ يەردە جۇڭگو بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز كېلىدىغان چېگرا ئېغىزى – قونجىراپ چېگرا ئېغىزى بار، مەن كىچىكىمدىنلا بۇ يەردىكى قوراللىق ھەربىيلەر ۋە ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىنى ھۆرمەت قىلىپ كەلدىم، ئۇلار ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر.


8. دادام بىلەن بوۋام ھەربىيلەرنى بەك ھىمايە قىلىدىغانلاردىن، تاغاممۇ بىر چېگرا جەڭچىسى، ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن مەنمۇ ئەسكەر بولدۇم، ھەمدە تېخى چېگرا جەڭچىسى بولدۇم، ۋەتەن ماڭا تاپشۇرغان مۇقەددەس بۇرچنى تاپشۇرۇۋالدىم، بايىقى سۈرەتلەر مەن ۋە بىر قانچە قېرىندىشىمنىڭ چېگرا قىسىم ئىچىدە چۈشكەن سۈرەتلىرى.


9. بىزنىڭ تاشقورغان جۇڭگودىكى ئەڭ پاكىز تۇپراق، بىزنىڭ بۇ يەردە «كېچىسى ئىشىك تاقىمايدىغان، يولدا خەقنىڭ چۈشۈپ قالغان نەرسىسىنى ئېلىۋالمايدىغان» ئادەتلەر ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە، بىزنىڭ بۇ يەر پۈتكۈل جۇڭگو بويىچە جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان جاي، ھازىرغا قەدەر بىر پارچىمۇ جىنايى ئىشلار دېلوسى سادىر بولۇپ باقمىدى. بۇ سۈرەتلەر بولسا تاجىك ياشلىرىنىڭ سۈرەتلىرى


10. تاجىكلار قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر بۇ زېمىننى قوغداپ كەلمەكتە. بۇرۇن تاشقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجدادلىرىمىز قۇربان بولغان. بىز تاجىك چارۋىچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىمىز مۇشۇ يەردىكى چېگرا جەڭچىلىرىگە ياردەملىشىپ چېگرا قوغدايمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا نۇرغۇن تاجىك ياشلىرى يەنە خەلق ئەسكىرى بولدى.


11. تاجىك مىللىتىنىڭ بۈركۈت مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسى ئىسمار (بۇ كېلىشكەن بالا تېخى بىزنىڭ كىچىك چولپىنىمىز)

12. تيەنجىندە ئوقۇۋاتقان قەيسەر

13. «رەڭلىك پامېر» نىڭ ئەزاسى

14. تاشقۇرغان ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى تاجىك ئوقۇغۇچىلىرىنى يوقلاپ كەلدى

15. تاجىك ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى بىلەن خەنزۇ دوختۇر بۇ ياشانغان كىشىنىڭ كېسىلىنى كۆرمەكتە

16. كېلىشكەن تاجىك ساقچىلار

17. تاجىك ئەسكەرلەر









































      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203