رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 757 قېتىم كۈرۈلدى
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئامېرىكىدىن قىرغۇچى قورال ياردىمى تەلەپ قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -08
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com


جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 7-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىلى ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكىدىن قىرغۇچى قورال ياردىمى تەلەپ قىلدى.
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ئەھمەد جاربا (Ahmad Jarba) مۇنداق دېدى:«بىز تېخىمۇ كۆپ قورال-ياراغ بىلەن تەمىلەشنى تەلەپ قىلىمىز، بولۇپمۇ ماي تۇڭى بومبىسى ۋە «ئۇچار پاچاق» ناملىق باشقۇرىلىدىغان بومبا (Scud missiles) سىغا تاقابىل تۇرۇشقا لازىملىق ھاۋا ياردىمى تەلەپ قىلىمىز.»

خەۋەردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي 2-ئايدا ئېلان قىلغان باياناتتا سۈرىيە باشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى سۈرىيەنىڭ شىمالى قىسىم رايونىدىكى ھەلەب شەھىرىدە ماي تۇڭى بومبىسى ئىشلەتتى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر قىلىپ، ئامېرىكا 5-چىسلا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە 27 مىليون دوللارلىق جانغا زامىن بولمايدىغان بۇيۇملار ياردىمى بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203