رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 690 قېتىم كۈرۈلدى
دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن كادىلاك ATS L ئاپتوموبىلى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.autohome.com.cn

(ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى) يېقىندا بىز دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن كادىلاك ATS Lئۇزارتىلغان نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىگىگە ئىلتىماس قىلغان ئۇچۇرىغا ئېرىشتۇق، بۇ ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىنغان ATSئاپتوموبىلى ئاساسىدا 85 سانتىمېتىر ئۇزارتىلغان بولۇپ، 2860 مىللىمېتىرگە يەتكەن، بۇ يېڭى ئاپتوموبىل بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بازارغا سېلىنىدىكەن.


ئىلتىماس سۈرىتىدىن قارىغاندا بۇ يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسمىنىڭ سول يۇقۇرى بۇرجىگىدە “ATS L”بەلگىسى، ئوڭ يۇقۇرى بۇرجىگىدە شاڭخەي ھەممىباپنىڭ بەلگىسى باركەن. رازمېرى 4730mm/1824mm/1421mm، ئوق ئارىلىقى 2860mmبولۇپ، ئىمپورت نۇسخىسى ئاساسىدا 85mmئۇزارتىلغانكەن.ھەركەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە، بۇ قېتىم ئىلتىماس قىلىنغان ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، بۇ يېڭى ئاپتوموبىلغا 2.0Tلىق تۆۋەن قۇۋەتلىك ماتور سەپلىنىدىكەن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 223 ئات كۈچى بولۇپ، ئېمپورت نۇسخىسىدىكى ATS Lئاپتوموبىلىغا سەپلەنگەن 2.0Tلىق يۇقۇرى قۇۋەتلىك ماتورىغا سېلىشتۇرغاندا 53 ئات كۈچى كىچىككەن. مۆلچەرلىنىشچە كەلگۈسىدە ئېمپورت نۇسخىسىدىكى ATS Lئاپتوموبىلىغا سەپلەنگەن 2.0Tلىق يۇقىرى قۇۋەتلىك ماتور دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن پاسونىغىمۇ سەپلىنىشى مۇمكىنكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203