رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 404 قېتىم كۈرۈلدى
ئوكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شەرقتىكى شەھەرگە ھۇجۇم قوزغىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

ئوكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شەرقتىكى شەھەرگە ھۇجۇم قوزغىدى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: «رۇسىيە سودا مەسلىھەت گېزىتى» نىڭ 4 – ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئوكرائىنانىڭ شەرقىدىكى شەھەر – كرامتورسكىغا قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتتە 10 ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپەر ئەسكەر بار.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئوكرائىنا شۇ جاي ۋاقتى 2 – چىسلا كەچتە، ئوكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى كراماتورسكى شەھىرىگە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، شۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن كەسكىن ئېتىشقان. بۇ ئېتىشىشتا تەخمىنەن ئون ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى ئەسكەر.
ھازىر، ئوكرائىنا ئارمىيە تەرەپ كراماتورسكى شەھەرلىك پارلامېنت سىرتىدىكى پۈتكۈل شەھەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، بۇندىن بۇرۇن رۇسپەرەسلەر ئىشغال قىلىۋالغان ئىچكى كابېنت مىنىسترلىكى ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىناسىنى تارتىۋالغان.
بۇندىن باشقا، ئوكرائىنا ئارمىيە تەرەپ يەنە كراماتورسكىدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىمۇ ئىگىلەپ، مەزكۇر شەھەردە كۆرسىتىلىدىغان رۇسىيە قانىلىنى ئۈزۈپ، ئوكرائىنانىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرسىتىدىغان قىلغان.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203