رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 459 قېتىم كۈرۈلدى
تايلاندتىكى نامايىشچىلار ئىچكى كابېنت مىنىسترلىكىدىن ۋاز كېچىپ، سىم تورنى بۇزۇۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، تايلاندتىكى كەنت باشلىقى باڭكوك ئىچكى كابېنتى ئەتراپىدىكى بىر جايدىكى سىم تورنى بۇزۇۋەتتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تايلاند «باڭكوك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3 – مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جايدىكى ئەمەلدارلار بىلەن قارشىلىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، تايلاندتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار ئىچكى كابېنتنى ئىشغال قىلىش خىيالىدىن ۋاز كەچكەن. تايلاند ھۆكۈمەتكە قارشى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى سوتى 3 – چىسلا مۇنداق دېگەن، ئىچكى كابېنتنى ئىشغال قىلىشتا قاتناشقان بارلىق نامايىشچىلار شۇ كۈنى كەچقۇرۇن لۇمپىنى باغچىسىدىكى بىر مۇھىم بازىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا تايلاند دائىرىلىرى ئىچكى كابېنتنى قايتۇرۇۋالالايدۇ.
تايلاندىكى 80 مىڭدىن ئارتۇق كوچا باشقارمىلىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە كەنت باشلىقلىرى 4 – چىسلا ئىچكى كابېنتقا يىغىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، نامايىشچىلاردىن بۇ ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىشغال قىلىۋېلىش نىيىتىدىن يېنىشنى تەلەپ قىلغان ئېدى. سوتى ئۆزىمۇ كوچا باشقارمىسى دەرىجىلىك ئەمەلداردىن باشلاپ، سىياسىي ھاياتىنى باشلىغان، ئۇ ئىزچىل تۈردە يەرلىك ئەمەلدارلارنى ئۆز يېنىغا تارتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن، سوتى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى، ئىچكى كابېنتنى ئىگىلەشتىن ۋاز كېچىش بىر خىل ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ 80 مىڭ نەپەر ئەمەلدارنىڭ يىغىلىش قىلىش پىلانى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلدى.
بۇلتۇر 11 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، جاھىل مەزھەبلەرنىڭ لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇدىغان، تايلاند ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلات «تايلاند ئىسلاھات ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خەلق تورى» ئالدى بىلەن ئىچكى كابېنت مىنىسترلىكىنى ئىشغال قىلىۋالدى، ئارقىدىنلا ئىچكى كابېنت مىنىسترلىكى ئەمگەك ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن دۆلەت ئىلكىدىكى ئىشچىلار مۇناسىۋەت بىرلەشمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. بۇ بىرلەشمىگە ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلات خەلق دېموكراتىيەسى ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى رەھبەرلىك قىلاتتى.

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203