رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 470 قېتىم كۈرۈلدى
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتوموبىل توختىتىش ھەق ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :


بالنىست ئالدىدا ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، بىمارلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېغىر ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدە ئېلان قىلىنغان « ئوخشاش يەردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى نېمىشقا ئوخشاش بولمايدۇ» دېگەن خەۋەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەق ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىش قارارىنى ئېلان قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاڭ ئەپەندى بۇ قىزىق نۇقتا خەۋىرىگە قارىتا مۇنداق ئىنكاسنى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ بىرتۇتاش ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى. ئۇ يەنە ، گەرچە تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى « بالنىستتىكى بىمارلار شۇ كۈنلۈك ھەق تاپشۇرۇش تالونى ياكى بالنىتسىدا يېتىش رەنە پۇلى تالونىغا تايىنىپ ھەقسىز ئاپتوموبىل توختاتسا بولىدۇ» دېگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا قالايمىقان ھەق ئېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس بولسىمۇ، بىراق بۇ سىياسەت تۇراقسىز بولغاچقا، يەنىلا ئوخشاش بولمىغان ئىجرا قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولغان.

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ھەق ئېلىش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، دوختۇرخانا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىمۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ھەم يېقىندا تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدىكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203