رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> فىلىم خەۋەرلىرى >> يازما كۈرۈش >> 2249 قېتىم كۈرۈلدى
قارا خرۇستالدىن ئىشلەنگەن Galaxy S5 يانفونى مەيدانغا كەلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
گەرچە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونىGalaxy S5 گە سۇلىياۋدىن ئىشلەنگەن قاپ سەپلەنگەن بولسىمۇ، بىراق، بۇ سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئۇنى ھەقىقىي بىباھا مەھسۇلات قىلىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمىغان. سامسۇڭ شىركىتى يىقىندا دۇنياغا داڭلىق خرۇستال ھەشەم بۇيۇملىرىنى ياساش شىركىتى SWAROVSKI بىلەن ھەمكارلىشىپ، تاشقى شەكلى ئىنتايىن كۆركەم ۋە نەپس بولغان «خرۇستال» نۇسخىدىكى Galaxy S5 يانفونىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، بۇ يانفوننىڭ ئارقا يۈزىگە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قارا رەڭلىك خرۇستال يالىتىلغان بولۇپ، ھەشەم دەرىجىسى تەڭداشسىز ئىكەن.
سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دىيىشىچە، پۈتۈنلەي يېڭىدىن ياسالغان خرۇستال نۇسخىدىكى Galaxy S5 يانفونى بۇ يىل 5-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا، سامسۇڭ شىركىتى«ئالاھىدە پۇراق ئۇرغۇپ تۇرغان» دىگەن سۆز ئارقىلىق بۇ ھەشەمەتلىك يانفوننى سۈپەتلىگەن، بىراق، نۆۋەتتە ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىغان.
بۇ سامسۇڭ شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىم SWAROVSKI بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەشەم نۇسخىسىدىكى يانفونلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئەمەس، بۇندىن ئىلگىرى بۇلار بىرلىكتە سېتىلىش باھاسى 300 دوللار بولغان Galaxy Note 3 يانفونىنىڭ خىرۇستال قاپچۇقىنى ياساپ چىققان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. قىزىقىدىغان دوستلار تۆۋەندە خىرۇستال نۇسخىدىكى Galaxy S5 يانفونىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      
ئالدىنقىسى : قىزىقارلىق ئېلان

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203