رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 3611 قېتىم كۈرۈلدى
ئىراقتا بىر ھەربىي گازارما ھۇجۇمغا ئۇچراپ 15 ئەسكەر ئۆلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئىراقتا بىر ھەربىي گازارما ھۇجۇمغا ئۇچراپ 15 ئەسكەر ئۆلدى

شىنخۇا تورىنىڭ 11 – فېۋرال باغدادتىن بەرگەن تېلېگراممىسى ئىراق ساقچى تەرەپ 11 – چىسلا مۇنداق دېدى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نىنىۋى ئۆلكىسىدىكى بىر ھەربىي گازارما شۇ كۈنى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، جەمئىي 15 نەپەر ئەسكەر ئۆلۈپ كەتتى.
نىنىۋى ئۆلكىسىدىكى بىر ساقچى تەرەپ خەۋەرچىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى، شۇ كۈنى سەھەردە، مەزكۇر ئۆلكىنىڭ مەركىزى موسۇرنىڭ جەنۇبىغا 20 كىلومېتر كېلىدىغان ھامام ھېلىل بازىرى ئەتراپىدىكى ئىراق ئارمىيەسىنىڭ بىر گازارمىسى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ يەرگە ياردەمگە كەلگەن ھەربىي قىسىم كاللىسى كېسىپ تاشلانغان 15 جەسەتنى بايقىغان.
ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.
موسۇر ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ شىمالىغا 400 كىلومېتر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، مەزكۇر شەھەر ۋە مەزكۇر شەھەر قاراشلىق بولغان نىنىۋى ئۆلكىسى ئىراقتا زوراۋانلىق ھۇجۇمى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇلتۇر يىل بېشىدىن تارتىپ، ئىراقتا تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ۋە زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئاينىپ كەتتى، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىن. ب د ت ئىراققا ياردەم بېرىش كوللىكتىپى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2013 – يىل ئىراقتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە تۈرلۈك زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرىدا 8868 نەپەر ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 7818 كىشى ئاددىي پۇقرا، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 18 مىڭ ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇ سان يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ سان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203