رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1113 قېتىم كۈرۈلدى
يەمەننىڭ پايتەختى سانئادا ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -03
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

يەمەننىڭ پايتەختى سانئادا ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى

شىنخۇا تورىنىڭ 3 – فېۋرال سانئادىن بەرگەن تېلېگراممىسى يەمەن ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، پايتەخت سانئادا 3 – چىسلا سەھەردە ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم يارىلانغان.
نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ساقچى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى، 1 – قېتىملىق پارتىلاش سانئا شەھىرى مەركىزىدىكى يەمەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقى ئەتراپىدا يۈز بېرىپ، شۇ ئەتراپتىكى بىر كونا سېپىل تام ئازراق زىيانغا ئۇچرىدى، بىراق ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەلىرى كۆرۈلمىدى. 2 – قېتىملىق پارتىلاش يەمەن سابىق زۇڭتۇڭى سالىھ سارىيى ۋە فرانسىيەنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا نەچچە ئون مېتىرلا كېلىدىغان جايدا يۈز بەردى، بۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر شەھەر ئاھالىسى يارىلاندى.
پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەمەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى شەھەر ئىچىدىكى مۇھىم كوچىلارنى قامال قىلىپ، گۇمانلىق كىشىلەرنى تەكشۈردى.
يەمەن ئىچكى كابېنت مىنىسترلىقى ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى، دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقى ئەتراپىدىكى پارتلاش بەلكىم مۇقىم پارتىلىتىش قۇرۇلمىسى پارتىلاش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ھازىرچە بۇ ئىككى قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسىنىڭ بىرەر باغلىنىشلىقى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل ئىسپات يوق.
يەمەن 2011 – يىل سىياسىي جەھەتتە داۋالغۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى سىجىل تۈردە يامانلاشتى. «بازا» تەشكىلاتى ۋە قەبىلە قوراللىقلىرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قايتا قايتا ھۇجۇم قىلىشتى، ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنى قەستلەپ ئۆلتۈردى، چەتئەل پۇقرالىرىنى تۇتقۇن قىلدى. 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، «بازا» تەشكىلاتى قوراللىقلىرى ماشىنا بومبا بىلەن يەمەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە 56 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 215 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203