رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 4282 قېتىم كۈرۈلدى
قالتىس ماھارەت بىلەن ياساپ چىقىلغان تورت ئالقىشقا ئېرىشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : photo.huanqiu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

يەرشارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلىدىغان، يېڭىچە بولغان تورتلار بولسا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل تامىقى. بىراق، سىز راسىت ئادەمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئوخشايدىغان تورتنى يەپ باققانمىتىڭىز؟ ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نڭىڭ 31-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك ئايال لاۋرا.كىلارك (Laura Clark) ھەقىقىي ئادەم چوڭ-كىچىكلىكىدىكى «ئادەم تورت» نى ياساپ چىققان بولۇپ، تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn 

ئىگىلىنىشىچە، 27 ياشلىق لاۋرا.كىلارك بولسا ئەنگىلىيەدىكى بىر داڭلىق تور بېكەتنىڭ تور باشقۇرغۇچىسى ئىكەن، ئۇ ئەزەلدىن ئاشپەزلىك يكاى بېزەكچىلىكنى ئۆگىنىپ باقمىغان بولۇپ، تورت ياساش بولسا پەقەت ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشى ئىكەن. بىراق ئۇ ئاخىردا بولسا يىيىشلىك بولغان ھەقىقىي ئادەم چوڭ-كىچىكلىكىدىكى «ئادەم تورت» نى ياساپ چىققان. لاۋرانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇرۇن دائىم كارتون ئوبرازلىرى ياكى موتسىكلىت شەكلىدىكى تورتلارنى ياسايدىغان بولۇپ، بىراق كېيىن ھەقىقىي ئادەم چوڭ-كىچىكلىكىدىكى «ئادەم تورت» نى ياساپ چىقىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىكەن. لاۋرانىڭ ياسىغان تۇنجى تورتى ئۇنىڭ قېيىن ئانىسى، كېيىنكىسى بولسا «كارىب دېڭىز قاراقچىسى» دىكى جون.دېپ ئىكەن.
 

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203