رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1224 قېتىم كۈرۈلدى
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق مۇكاپات نامزاتلىرى ئېلان قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-12 -10
  • يوللىغۇچى : ئەزمەت ئېلى
  • مەنبەسى : voice.hupu.com

 

 
Www.AnAdiyar.Cn
 

خۇپۇ تورى خەۋىرى، بىيجىڭ ۋاقتى 9-دېكابىر كەچقۇرۇن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تور بىتىدە يىللىق تۈرلۈك مۇكاپاتلاش نامزاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە جامائەتچىلىك ئەڭ كۆز تىكىۋاتقان ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىردىن باشقا يەنە مۇنەۋەر سەپ شەكلى، مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل ۋە ئاياللار ئالتۇن توپ مۇكاپاتى نامزاتلىرى بار.

«ئالتۇن توپ مۇكاپاتى» نىڭ ئۈچ نەپەر نامزاتى

 

Www.AnAdiyar.Cn


ئارگىنتىنالىق بۇ چولپان پۇتبولچى 2009، 2010، 2011، 2012-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇپ، كىرىستىئانو رونالدو ۋە رىبىرى ئۇنىڭ بۇ يىلمۇ بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ھېساپلىنىدۇ. ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى ساھىپى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى شېۋىتسارىيەنىڭ سىيۇرىختا ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ئاندىن ئايدىڭلىشىدۇ. تۆۋەندە «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنىڭ ئۈچ نەپەر نامزاتلىرىنىڭ بۇ يىللىق ئىپادىسىگە قاراپ باقايلى.

كىرىستىئانو رونالدو
 


 

Www.AnAdiyar.Cn

رونالدونىڭ 2013-يىلدىكى ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس بولدى، بۇ پەسىللىك مۇسابىقە باشلانغاندىن بېرى ئۇ 18 مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىپ 25 توپ كىرگۈزدى. تېخى يىقىندىلا ئاخىرلاشقان دۇنيا لوڭقىسىنىڭ پورتۇگالىيە بىلەن شېۋىتسىيە ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، پورتۇگالىيە كوماندىسى ئۈچۈن بىرازىلىيگە بارىدىغان سالاھىيەتنى قولغا كەلتۈردى.

لىئاندىرو مېسسى

 

Www.AnAdiyar.Cn


ئۇ پۇتبول مەيدانىدىكى سېھرىگەر،ئۇمۇ بۇ يىل كىرىستىئان رونالدوغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ تۇغما تالانتى ۋە سىرلىق كۈچ-قۇدرىتىنى نامايەن قىلدى. ئۇدا تۆت نۆۋەتلىك «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ھېساپلانغان مېسسمۇ بۇ يىللىق «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتى ھىساپلىنىدۇ.

فىرانىك رېبىرى

 

Www.AnAdiyar.Cn

بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىدا توپ تىپىۋاتقان فىرانسىيەلىك بۇ چولپان پۇتبولچى بايرىن كوماندىسى تەركىۋىدە گىرمانىيە بىرلەشمىسى،گىرمانىيە لوڭقىسى ۋە ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن يىللىق مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇپ باھالاندى. رېبىرىمۇ بۇ يىللىق كۈچلۈك نامزات ھېساپلىنىدۇ.
يىللىق مۇنەۋەر سەپ شەكلى نامزاتلىرى
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 9-دېكابىر ئورگان تور بىتىدە يىللىق مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى نامزاتلىرىنى ئېلان قىلدى. يىللىق مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى نامزاتلىرى تۆۋەندىكىچە

 

Www.AnAdiyar.Cn 
يىللىق مۇنەۋۋەر قاپقاۋۇل نامزاتلىرى
بۇففون (يۇۋېنتۇس كۇلۇبى)، كاسىللاس (خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى)، چېخ (چىلسىي كۇلۇبى)، نويىر (بايرىن مىيۇنخىن)، باردىس (بارسىلونا كۇلۇبى).
يىللىق مۇنەۋۋەر بېك نامزاتلىرى
ماسىرو (خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى)، پىي پىي (خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى)، راموس (خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى)، ۋانىلا (خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى)، ئارۋېس (بارسىلونا كۇلۇبى )، پىكى (بارسىلونا كۇلۇبى)، ئاربا (بارسىلونا كۇلۇبى)، ئالابا (بايرېن مىيۇنخىن كۇلۇبى)، دانتى (بايرېن مىيۇنخىن كۇلۇبى)، لۇئىس (چىلسىي كۇلۇبى)، ئىۋاننوۋېچ (مانچېستېر شەھرى)، كومپانى (مانچېستېر شەھرى)، زاباراتا (مانچېستېر شەھرى)، خومىرېس (دورتمونىد كۇلۇبى)، بىئىنىس (ئېۋېرتون كۇلۇبى)، ۋېدېچ (مانچېستېر بىرلەشمىسى)، تىئاگو سېلۋا (پارىژ سانىت گىرمان).
يىللىق مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان نامزاتلىرى

خاۋى ئالونسو (خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى)، بالى (خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى)، بۇسكىس (بارسىلونا كۇلۇبى )، گىرراد (لېۋرپول كۇلۇبى) ، ئىنىستا (بارسىلونا كۇلۇبى )، ئىسكو (خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى)، ئۆزىل (ئارسىنال كۇلۇبى)، پىئىرلو (يۇۋېنتۇس كۇلۇبى)، لويىس(دورتمونىد كۇلۇبى)، رېبىرى (بايرېن مىيۇنخىن كۇلۇبى)، روبىن (بايرېن مىيۇنخىن كۇلۇبى)، سېۋىن سىتەيگىر (بايرېن مىيۇنخىن كۇلۇبى)، يايا تۇرى (مانچېستېر شەھرى )،بىدار (يۇۋېنتۇس كۇلۇبى)، شاۋى (بارسىلونا كۇلۇبى).

يىللىق مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى نامزاتلىرى

ئاگۈيرو (مانچېستېر شەھرى)، بالوتىلى (ئاس مىلان كۇلۇبى)، كاۋانى (پارىژ سانىت گىرمان)، دىئاگو كوستا (مادىرىد ماھارەت)، كىرىستىئان رونالدو (خان جەمەتى مادىرىد)، دىروگبا (تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى)، فالكاۋ (موناكو كۇلۇبى)، ئىبرايىموۋېچ (پارىژ سانىت گىرمان كۇلۇبى)، لېۋاندوۋىسكى (دورتىمونىد كۇلۇبى)، مەنزۇزېچ (بايرېن مىيۇنخىن كۇلۇبى)، مېسسى (بارسىلونا كۇلۇبى)، نىيمار (بارسىلونا كۇلۇبى)، رۇنى (مانچېستېر بىرلەشمىسى)، سۇئارىز (لېۋىرپول كۇلۇبى)، ۋان پېرسىي (مانچېستېر بىرلەشمىسى).

يىللىق مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل نامزاتلىرى

 

Www.AnAdiyar.Cn

مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مەسقاۋۇلى فۇرگوسون
مانچېستېر بىرلەشمىسىگە 26 يىل مەشقاۋۇل بولغان فورگوسۇن بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ بىشىدا ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق كەسپى ھاياتىنى تاماملىدى.يەنى ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىغىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇ پېنسىيگە چىقتى.

بايرېن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ سابىق مەشقاۋۇلى ھايكىنىس
 

Www.AnAdiyar.Cn


ئۇمۇ فورگوسۇنغا ئوخشاش كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىدا تۇرۇپ پېنسىيگە چىققان مەشقاۋۇللارنىڭ بىرى، ئۇ بۇلتۇر بايرېىن مىيۇنخىن كوماندىسىنى يىتەكلەپ گىرمانىيە ئا بىرلەشمىسى،گىرمانىيە لوڭقىسى ۋە ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە چىمپىيۇن بولغاندىن كىيىن پېنسىيگە چىقتى.
دورتىمونىد مەشقاۋۇلى كىلوب

 

Www.AnAdiyar.Cn

كىلوبنىڭ دورتىمونىد كوماندىسىدا مەشقاۋۇللۇق قىلۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولدى،ئۇنىڭ مەستانىلەرگە قالدۇرغان تەسىرى بەك چوڭقۇر. ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدە ئۇنىڭ كوماندىسى ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە بۆسۈپ كىرگەن،ئۇ كەسپى ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشقا پەقەت بىر قەدەملا ئارلىق قالدى.

پۇشكاس مۇكاپاتى (يىللىق مۇنەۋەر توپ كىرگۈزۈش مۇكاپاتى) نامزاتلىرى
 

Www.AnAdiyar.Cn

ئىبرايىموۋېنىڭ ئىنگىلانىد كوماندىسىغا چەكلەنگەن رايۇننىڭ سىرتىدىن موللاقچىلاپ ئۇرۇپ كىرگۈزگەن توپى، بېنفىيكا ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى مادىچنىڭ يانچە موللاق ئىتىپ تىپىپ كىرگۈزگەن توپى ۋە نىمارنىڭ قىتئەلەر لوڭقىسىدا ياپۇنىيە كوماندىسىنىڭ قاپقىسىغا يىراقتىن ئۇرۇپ كىرگۈزگەن توپى يىللىق پۇشكاس مۇكاپاتى تىزىملىكىگە كىردى.

يىللىق ئاياللار «ئالتۇن توپ» مۇكاپات نامزاتلىرى
 

Www.AnAdiyar.Cn


ئاياللار ئالتۇن توپ مۇكاپاتى نامزاتلىرى ئىچىدە بىرازىلىيەلىك پۇتبولچى ماتا،گىرمانىيە پۇتبولچىسى ئانگىل ۋە ئامېرىكا پۇتبولچىسى ۋامبا نامزاتلار تىزىملىكىگە كىردى

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203