نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1890 قېتىم كۈرۈلدى
شىمالىي ياۋروپادىكى خېلى كۆپ ئەللەر ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىمايدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-09 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

شىنخۇا تورىنىڭ ستوكھولمدىن 5 – سېنتەبىر بەرگەن تېلېگراممىسى شىۋېتسىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» نىڭ 5 – چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيە، دانىيە، نورۋىگىيە، فېنلاندىيە، ئىسلاندىيە قاتاىق شىمالى ياۋروپادىكى بەش ئەل رەھبىرى 4 – چىسلا كەچتە، شىۋېتسىيەگە زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوباما بىلەن بىرگە خىزمەت تامىقى يېگەن، كۆپ ساندىكى شىمالىي ياۋروپا ئەلباشلىرى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە ھەربىي ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، فېنلاندىيە زوڭتوڭى دېنس مۇنداق دېدى، فېنلاندىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بەكمۇ دىققەت قىلىدۇ، ئۇ ھەرقانداق ئۇسۇلنى سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى سىياسىي يولنىڭ ئورنىغا دەسسەتسە بولىدۇ، دەپ قارىمايدۇ. نورۋىگىيە باش ۋەزىرى ستولتېنبېرگ مۇنداق دېدى، ئوباما «بىخەتەرلىك مەسىلىسى» نى ھەل قىلىشقا ئالدىراپ كېتىۋاتىدۇ، بىراق «سەۋر تاقەت» كەمچىل.
دانىيە باش ۋەزىرى تونىڭ شىمىدت مۇنداق دېدى، ئۇ «ب د ت سۇرىيە مەسىلىسىدە بىر ئىش قىلىپ بېرىدۇ» دەپ قارىمايدۇ، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ب د ت نىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپلا سۇرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى قوللايدۇ. شىمالىي ياۋروپادىكى باشقا ئەل رەھبەرلىرىمۇ سۇرىيە مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشتى.
شىۋېتسىيە باش ۋەزىرى رېين فېلد 4 – چىسلا ئوباما بىلەن ئۆتكۈزگەن، مۇخبىرلارنى بىرلەشمە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى، گەرچە ئۇ ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەنسىمۇ، بىراق شىۋېتسىيە «ئۈمىدنى مەڭگۈ ب د ت غا باغلايدۇ»، بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شىمالىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەت ۋە ئامېرىكا 4 – چىسلا كەچتە بىر پارچە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، شىمالىي قۇتۇپ قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئوباما شىۋېتسىيەنى زىيارەت قىلىش مەزگىلىدە، جەڭدىن جاق تويۇپ كەتكەن كىشىلەر ستوكھولمدا بىر قاتار نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. جەڭگە قارشى تۇرغۇچى كىشىلەر لوزۇنكا، پلاكاتلارنى ئېگىز كۆتىرىشىپ، «ئوباما جەڭنى توختاتسۇن، يېڭى ئۇرۇش بولۇشتىن ساقلىنايلى» دەپ توۋلاشتى. 4 –چىسلادىن 5 – چىسلاغىچە، شىۋېتسىيە 2500 نەپەر ساقچى ۋە بىخەتەرلىك قوغداش خادىملىرى ئاجرىتىپ، پايتەخت شەھەر كوچىلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك يوللارنى قامال قىلدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
كىيىنكىسى:

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776