نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 2797 قېتىم كۈرۈلدى
ئىران سۇرىيەنى ئاخىرغىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-09 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5- سېنتەبىردىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قارىمىقىدىكى «مۇقەددەس شەھەر قوشۇنى» نىڭ باش قوماندانىنىڭ 4- سېنتەبىر ئېيتىشىچە، ئىران ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىغا قارىتا، سۇرىيەنى ئاخىرغىچە قوللايدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشچە، «مۇقەددەس شەھەر قوشۇنى» نىڭ باش قوماندانى قاسىم سۇلايمانى مۇنداق دېگەن: ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى كىشىلىك ھوقۇق قوغداش ئەمەس. بىز سۇرىيەنى ئاخىرغىچە قوللايمىز.
قاسىم سۇلايمانى ئىراننىڭ سۇرىيەنى قوللىشىنىڭ خاراكتېرىنى ئىزاھلىمىدى. غەرب دۆلەتلىرى ئىران ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن سۇرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتتى، دېدى. ئەمما ئىران تەرەپ بۇنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلدى.
قاسىم سۇلايمانى يەنە ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتتى دەپ ئەيىبلىشى پەقەت ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىكى باھانىسى خالاس، دېدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، تاراتقۇدا ئىران پرېزىدېنتى روھانى ئېلان قىلغان بىر باياناتتىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئىران بارچە ئاماللارنى قوللىنىپ، سۇرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنى توسىدۇ.
روھانى مۇنداق دېدى: سۇرىيەگە قوللىنىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت مەزكۇر رايوننىڭ مەنپەئەتىگە زىت بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھەمراھلىرىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ زىت كېلىدۇ

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776