نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 2819 قېتىم كۈرۈلدى
سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى سۇرىيەنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى خائىنلىق قىلىپ قېچىپ كەتتى، دېدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-09 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

سۇرىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالى خابىب (ئوتتۇرىدا) بىلەن سۇرىيە زوڭتوڭى ئەساد (ئوڭدا)

خەلق تورى خەۋىرى: رېيتىر ئاگېنتلىقى جۇڭگو يېزىقى تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى تەشكىلاتى «مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى» دىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار يەنى كامال ئال لابۋانى 4 – سېنتەبىر مۇنداق دېگەن، سۇرىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالى خابىب ئاللىقاچان خائىنلىق قىلىپ قېچىپ كەتتى، بۇ كىشى ھازىر تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدە.
خابىب بۇرۇن سۇرىيە زوڭتوڭى ئەساد قاراشلىق ئالاۋى مەزھىبىدىكى بىر داڭلىق زات ئېدى. ناۋادا ئۇنىڭ خائىنلىق قىلغانلىقى راست بولۇپ چىقسا، خابىب ئالاۋى مەزھىبىدىكى، ئەسادتىن ئايرىلىپ چىققان، دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدار بولۇپ قالىدۇ.
ئەسادقا ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىۋاتقان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۆكتىچىلەر بولغان كۈرەشتە خېلى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، بىراق ئۇلار زەھەرلىك گاز ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ ھەربىي زەربە بېرىشىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
كامال ئال لابۋانى پارىژدا مۇنداق دېدى: «خابىب بىر ئامال قىلىپ، سۇرىيە دائىرىلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ كەتتى، ئۇ ھازىر تۇركىيەدە، بىراق بۇ ئۇنىڭ ئۆكتىچىلەرگە قوشۇلۇدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. غەرب ئەللىرىنىڭ بىر دېپلوماتىيە ئەمەلدارى بۇ ئىشتىن مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويدى».
سۇرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خابىبنىڭ سۇرىيەدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، ھەمدە ئۇنى ئۆز ئۆيىدە دېدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ئەخمەت داۋۇت ئوگلۇ مۇنداق دېدى، ئۇ ھازىر خابىبنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى دەلىللەشكە ئامالسىز ئىكەن.
بىر خەۋەرچى زات مۇنداق دېدى، خابىب 3 – چىسلا كېچىدە ئاسىيلىق قىلىپ، باشقا 2 – 3 كىشى بىلەن بىرگە، يېرىم كېچىدە تۈركىيە چېگرىسىغا قېچىپ كېلىۋالغان. ماشىنىلارنىڭ ھىماتى بىلەن كېيىن تۈركىيە چېگرىسىدىن كىرگەن.
كامال ئال لابۋانى مۇنداق دېدى، بىر غەرب دۆلىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، خابىب سۇرىيەدىن قېچىپ كەتتى.
 

 
Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776