نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 3286 قېتىم كۈرۈلدى
سەككىز ياشلىق بالا قۇرۇق قول ئاتىسىنىڭ قىز دوستىنىڭ قەبىھ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-09 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : photo.huanqiu.com

«يەر شارى ئاخبارات تورىنىڭ ئۇنۋېرسال خەۋىرى »، ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈندىكى دوكلاتى ، شۇ يەر ۋاقتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:00 دە ، ئامېرىكىنىڭ ماريلاند شىتاتىدىكى سەككىز ياشلىق ئوغۇل بالا Jacob ئۇخلاشتىن بۇرۇن ،تۇيۇقسىز ئاتىسىنىڭ ئالدىنقى قىز دوستى Newsom نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچردى . بەختكە يارىشا Jacob مەكتەپتە ئۆگەنگەن قۇرۇق قول ئېلىشىش ماھارىتى بىلەن قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئەڭ ئاخىردا ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا قېچىپ چىقىپ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان . Newsom ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن قاچماقچى بولغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى ، ئۇ بىرىنچى دەرىجىلىك قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىش ، ھەمدە 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قەزىرىنى تۆلەشكە دۇچ كەلدى .
ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىدىكى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ، Jacob نىڭ ئاتىسى Andy بىلەن Newsom ئايرىلىپ كەتكەن ، Newsom كۆڭلىدە بۇ ئىشقا ئاداۋەت تۇتۇپ كەلگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدىن Jacob نىڭ ياتاق ئۆيىگە يۇشۇرنىۋالغان ، ھەمدە Andy نىڭ خىزمەتكە كېتىشىنى ساقلاپ تۇرىغان . ئارقىدىنلا Jacob يېنىغا كېلىپ ياستۇق بىلەن ئۇنىڭ باش قىسىمىنى بېسىپ ئۇنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان . يېرىم ئۇيقا يېرىم ئويغاق ھالدىكى Jacob ى Newsom نىڭ مەقسىتىنى بايقاپ قالغان ،ھەمدە بېشى بىلەن ئۇنى بىرنى ئۈسكەن . Newsom ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن دەرھال گانتېل بىلەن Jacob نىڭ كەينى مېڭىسىگە ھۇجۇم قىلغان . بىر قانچە قېتىم تىركەشكەندىن كېيىن Jacob بەدىنىدىن قان ئاققان ھالدا ئۆيدىن بىر ئامال قىلىپ قېچىپ چىققان .
نۆۋەتتە Jacobنىڭ باش قىسىمىنى بىر قانچە يىپ تىككەن بولۇپ ،ھازىر ئۆيىدە ئارام ئېلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئاتىسى Andy بۇ ئىشتىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن ، چۈنكى ئادەتتە ئوغلى Newsom نى بۇرۇن ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئانىسىدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلەپ ياخشى كۆرۈپ كەلگەن . بەلكىم Newsom ئايرىلىپ كېتىشتەك ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلالماي ،Jacob غا زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچى بولغان دەپ پەرەز قىلدى .
 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776