نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 3044 قېتىم كۈرۈلدى
روسىيەلىك فوتوگراف ئايالىنى ئۆزىگە ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇدى دەپ قەستلەپ ئۆلتۈرۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-09 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : photo.huanqiu.com

«يەر شارى ئاخبارات تورىنىڭ ئۇنۋېرسال خەۋىرى » 2011-يىلى 35 ياشلىق روسىيەلىك فوتوگىراف Dmitry Loshagin چوڭ مەيداندا Yulia Loshagina ئىسملىك 26 ياشلىق قىزغا توي تەكلىپى قويدى ، بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى بەزى جايلاردا تارقىلىپ يۈردى . لېكىن بۇ بىر مەزگىلىك مۇھاببەت ھېكايىسى ئانچە ئۇزاققا بارمىدى ، ھەمدە ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشتى . ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى دوكلاتى ، روسىيە ساقچى تەرەپ ئالدىنقى كۈنى ئۇرال تاغ-ئورمانلىقىدا Yulia Loshagina نىڭ جەسىتىنى بايقىغان ،بويۇن قىسمىنى بىرسى ئۈزۈۋەتكەن ئىكەن ، يۈز قىسمىنى كۆيدۈرۋەتكەن بولۇپ چىراينى تۇنىغىسىز بولۇپ كەتكەن. ئۆلگۈچىنىڭ يولدىشى Dmitry Loshagin بۇ قاتىللىق دېلوسىدىكى ئەڭ چوڭ گۇماندار.
تەكشۈرۈش ئەزاسىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، جەسەتنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆلگۈچىدىن مۇسبەت HIV كۆرۈلگەن . شۇ يەرلىك بىر ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە : « بىز Dmitry Loshagin نى ئايالى ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ،قەستەن ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ قويغان دەپ قاراپ ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئايالىنى ئۆلتۈرۋەتكەن دەپ پەرەز قىلدۇق . ساقچى تەرەپ بۇ خىل قاراشنىڭ راس ياكى يالغانلىقىنى تەكشۈرۋاتىدۇ .» بەزى ئېقىپ يۈرگەن خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە ، تەكشۈرۈش خادىملىرى Dmitry Loshagin نىڭ يانفۇنىنىڭ كۆرسەتكەن ئورنى جەسەت بايقالغان ئەتراپنى كۆرسەتكەن . Yulia Loshaginaنىڭ بۇ يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان . ئۇنىڭ ئائىلسىدىكىلەر ئەنسىرەپ ئادەم ئىزدەش ئېلانى چىقارىغان . Yulia Loshagina نىڭ ئاكىسى Mikhail مۇنداق دېدى : « Dmitry Loshagin باشتا بىزگە Yulia Loshagina نىڭ يېرىم كېچىدە ماشىنىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ، ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ئۇنىڭ ماشىنىسى تۇيۇقسىز قايتا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى دېدى . ئەينى ۋاقىتتا مەن يوقاپ كېتىش ئىشى ئوخشايدۇ دەپ ساقچىغا دېگەن ۋاقتىمدا ، ئۇ دەرھاللا سۆزىنى ئۆزگەرتىۋالدى . ئۇ ساقچى تەرەپنىڭ ئۇنىڭ ماشىنىسىنى تەكشۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ، يەنە ئۇنىڭغا نىسبەتەن يالغانچلىقنى ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ئۇنىڭ گېپىنىڭ راس-يالغانلىقىنى ئېنىقلاشنى رەت قىلدى. مېنىڭ قارىشىمچە Dmitry Loshagin بىر ئىشنى بىزدىن يۇشۇرۋاتىدۇ .» جەسەت بايقالغاندىن كېيىن Dmitry Loshagin خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ جەسەتنى تۇنۇشقا بارمىغان .



ئۇ Ekaterinburg دىن ئايرىغان ۋاقىتتا ساقچىلار ئۇنى قولغا ئالغان ، سوت مەھكىمىسىدە Dmitry Loshagin ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ، ساقچى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلىشىنىڭ پاكىتسىز ئىكەنلىكىنى ، ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ دېلودىكى جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ تۇرۋالغان . ئەكسىچە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ، ساقچى تەرەپنىڭDmitry Loshagin نى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان .

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776