نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 2429 قېتىم كۈرۈلدى
ساقچىلاردىن قېچىش ئۈچۈن 21 – قەۋەتتىن سەكرىگەن بۇلاڭچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-09 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئامېرىكا «ھيۇستۇن پوچتا گېزىتى» نىڭ 30 – ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، ئامېرىكىلىق بىر بۇلاڭچى بانكا بۇلىغاندىن كېيىن، ساقچىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، 63 مېتر ئېگىزلىكتىكى 21 – قەۋەتتىن سەكرەپ، ئەخلەت دۆۋىسى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئېغىر يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بۇلاڭچىنىڭ ئىسمى روبىن بولۇپ، بۇ يىل 26 ياشتا ئىكەن. دېلو يۈز بەرگەن كۈنى، ئۇ «داتۇڭ» بانكىسىنىڭ بىر تارماق بانكىسىنى بۇلىغان. قاچىدىغان چاغدا ساقچىلار ئۇنى قورشاۋغا ئالغان. ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۇ 21 قەۋەتلىك كېلىنتون داچىسىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى قەۋەتتىن سەكرىگەن، ھەمدە شۇ بىنانىڭ ئاستىدىكى ئامباردىكى بىر ئەخلەت دۆۋىسى ئۈستىگە چۈشكەن.
بىنادىن سەكرىگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆز يارىسىغا قارىماي، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەخلەت دۆۋىسى ئىچىگە مۆكۈنمەكچى، ساقچىلارنىڭ توزىقىدىن قۇتۇلماقچى بولغان. بىراق، ئەمەلىيەتتە ئۆز ئارزۇسىغا قارشى ھالدا، ئۇزۇنغا بارمايلا ساقچى تەرەپ ئۇنى ئەخلەت دۆۋىسى ئىچىدىن تارتىپ چىققان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776