نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 2165 قېتىم كۈرۈلدى
مۇسۇلمان توپچى پىۋا شىركىتى قوللىغان مۇسابىقە فورمىسى كىيىشنى رەت قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-09 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.2muslim.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

كانبېررا 3-سېنتەبىر خەۋىرى: سۈرەتتىكى بولسا ئاۋسترالىيەلىك پالاق توپ ماھىرى ئەخمەد (Fawad Ahmed) نىڭ مۇسابىقىدىكى غەلبىسى، ئىسلام دىنىدا ھاراق چەكلەنگەن، شۇ سەۋەبلىك ئۇ پىۋا شىركىتى قوللىغان مۇسابىقە فورمىسىنى كىيىشنى رەت قىلغان، ھەم ئۇنىڭ تەكلىپىمۇ ماقۇللانغان.


سەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە قىتئەسى پالاق توپ مۇسابىقىسىدە پاكىستاندا تۇغۇلغان ئەخمەدنىڭ تەلىپى ماقۇللاندى. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇ پىۋا ماركىسى بېسىلغان مۇسابىقە فورمىسى كىيىشتىن نارازى بولغان ئىدى.مۇسابىقە يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش باش دىرېكتورى مۇنداق دېگەن: « دىنىي مەسىلە سەۋەبلىك ئەخمەدنىڭ ئىدىيەسىدە بىرخىل توقۇنۇش پەيدا بولۇپ قالدى، بىز ئۇنىڭ كۆز-قارىشىنى ھۆرمەت قىلىمىز، بىز ھەمكارلاشقان پىۋا شىركىتىمۇ ئۇنىڭ پىۋا ماركىسى بېسىلغان مۇسابىقە فورمىسىنى كىيمىسىمۇ بولىدىغانلىنى بىلدۈردى. بىز ئەخمەد بىلەن 17 يىللىق توختام تۈزىگەن، ئەخمەدمۇ بىزنىڭ بۇ قارارىمىزدىن بەك خۇرسەن بولدى.»

سەيشەنبە كۈنىدىكى مۇسابىقىدە ئەخمەد ئىككىنچى مەيداندا كىشىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەنۇبىي ئافرىقا تەنھەرىكەت ئەترىتى توپ ئۇرغۇچى ھۇجۇمچىسى Hashim Amla مۇ ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققان بولۇپ، ئوخشاشلا ئۇنىڭمۇ پىۋا ماركىسى بېسىلمىغان مۇسابىقە فورمىسى كېيىشى ماقۇللاندى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776