نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1403 قېتىم كۈرۈلدى
ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان «ھەرە چىشلىق كاراك بېلىقى» بايقالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-09 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : photo.huanqiu.com
«يەر شارى ئاخبارات تورىنىڭ ئۇنۋېرسال خەۋىرى »ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى دوكلاتى ، شۇ يەر ۋاقتى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە ، فرانسىيە پارىژ Seine دەرياسىنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنى چېشلەيدىغان «ھەرە چىشلىق كاراك بېلىقى»(Pacu fish ئادەمخور بېلىقنىڭ بىر خىلى ). بۇ خىل بېلىقنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى برازىلىيە ۋە ھىندىستان بولۇپ ئۇ ئىنتايىن قەبىھ گۆش يېمەيدىغان بېلىق ، لېكىن نىمە ئۈچۈندۇر ئۇ بېلىق ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنى يېيىشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ . 
بۇ قېتىم بايقالغان «ھەرە چىشلىق كاراك بېلىقى» نىڭ ئېغىرلىقى 25 كىلوگرام  پارىژدىكى بىر بېلىقچى تۇتۇۋالغان ھەم رەسىمىنى ساقچىلارغا يوللاپ بەرگەن ، ساقچى تەرەپ بۇ بېلىقنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك «ھەرە چىشلىق كاراك بېلىقى» ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان . تېخى ئىسپاتلانمىغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى رايونىدىكى ئاز بولمىغان بېلىقچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل بېلىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىكى ئايدا دانىيەدە بىر تال «ھەرە چىشلىق كاراك بېلىقى» بايقالغان ، بىر نەپەر ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى ئوغۇللارنى  يالىڭاچ سۇ ئۈزمەسلىكنى قاتتىق ئەسكەرتكەن .
دوكلاتتا كۆرسىتلىشىچە ،«ھەرە چىشلىق كاراك بېلىقى» نىڭ ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاش ئۆتكۈر چىشى بار ئىكەن، «ئادەمخور بېلىق »نىڭ باشقىچە بىر ئاتىلىشى ، جەنۇبىي ئامېرىكنىڭ نەم دېڭىز تەۋەلىكىدە دائىم ئۇنداق بېلىقنىڭ سىماسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ خىل بېلىق ئەرلەربىلەن سۇ ئۈزۈشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇلار بىللە سۇ ئۈزۈپ كېتىۋېتىپلار تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنى چېشلىۋالىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا چېشلەپ ئۈزۈپ پۈتتۈنلەي يۈتۇۋېتىدۇ.
ئالدىنقى ئايدا بېلىق تۈرىدىكى بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى Peter Moyle  « لوس-ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى » نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كۆرسىتىپ ، كۆپ قىسىم «ھەرە چىشلىق كاراك بېلىقى»نىڭ ھەممىسى سۇ جانلىقلىرى موزىيىدا بېقىلىدۇ ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەبىئىيىتى مۆتىدىل ، ئاسانلا بويسۇنىدۇ . لېكىن ئۇلارنىڭ بەدىنى ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئۆسىدۇ ، ئالتۇن بېلىقدەك مەڭگۈ بېلىق قاچىسىدا باقىلى بولمايدۇ ، شۇڭلاشقا كىشلەر ئۇلارنى شۇ يەرلىك سۇ دائىرىسىگە قويۇپ بېرىدۇ . شۇ سەۋەبتىن دۆلەتلەرنىڭ سۇ دائىرسىدە «ھەرە چىشلىق كاراك بېلىقى» بايقىلىدۇ ، بەلكىن ئادەملەرنى چېشلىگەن بېلىقلار شۇ بولۇشى مۇمكىن ، ئۇلار ئېقىن سۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن . 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776