نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 6348 قېتىم كۈرۈلدى
مالايسىيادا كۈپكۈندۈزدە خېرىدار چاقىرغان جۇڭگولۇق پاھىشەلەر قولغا ئېلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-07 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ساقچى تەرەپ پاھىشەلەرنى تۇتۇۋاتقان ۋاقىتتا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ئورىۋېلىشتى، ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سودا ساراينىڭ دەرۋازىسى ئېتىلىپ قالدى


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10 – ئىيۇل تېلېگراممىسى مالايسىيا «نۇرلۇق گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيادا 25 نەپەر پاھىشە كۈپ كۈندۈزدە بىر ئاشخانىدىن خېرىدار تارتقانلىقى ئۈچۈن، شۇ يەردىكى ئامما شەھەر ھۆسنىگە تەسىر كۆرسەتتى دەپ قاراپ، شۇ ھامان ساقچىلارغا بۇ ئىشنى پاش قىلغان. ساقچى تەرەپ بۇ بىر تۈركۈم پاھىشە ئاياللار شۇ يەرلىك، جۇڭگو پۇشتىدىن بولغان ئىككى دەللالنى قولغا ئالغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايال قاچماقچى بولغان، ساقچى تەرەپ بىر كىلومېترچە قوغلاپ، ئاندىن ئۇنى تۇتقان، يەنە بىر ئايال قارشىلىق كۆرسەتكەن، ھەمدە شۇ ئەترەتنى باشلاپ بارغان ساقچىنىڭ قول بېغىشىنى چىشلىۋالغان.
8 – چىسلا چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، مالايسىيالىق كوماندىر سالۇ بىر توپ ساقچىلارنى باشلاپ بېرىپ، كوئالالۇمپۇردىكى بىر سودا سارىيى ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
ئەينى چاغدا، 24 نەپەر جۇڭگولۇق ئايال ۋە بىر نەپەر ھىندونېزىيەلىك ئايال (يېشى 20 دىن 30 ياشقىچە) سودا سارىيى ئىچىدىكى بىر ئاشخانىدىن خېرىدار تارتقان، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقچىلار قولغا ئالغان. بۇندىن باشقا، شۇ يەرلىك، جۇڭگو پۇشتىدىن بولغان ، جالاپلارغا خېرىدار چاقىرىپ بېرىدىغان ئىككى كىشىمۇ نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن.
سارۇ مۇنداق دېدى، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغدا، كۆپ ساندىكى ئاياللار قېچىشقا ئۇرۇندى، بىر ئايال ساقچىلارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپلا، بەدەر تىكىۋەتمەكچى بولدى. بىراق ساقچى تەرەپ تەخمىنەن بىر كىلومېترچە قوغلاپ يېتىشىۋېلىپ، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇنى بويسۇندۇردى.
ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئايال قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بېغىشىنى چىشلەپ يارىلاندۇرغان.
ئۇ مۇنداق دېدى، ساقچى تەرەپ ھازىر مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ قانۇن پەرمانلىرى ۋە يەرلىك قانۇنلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تورغا چۈشكەن بارلىق كىشىلەر «جىنما» ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203