نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 10160 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا ئافغانىستاندا ھەربىي بازا تەسسىس قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.sina.com.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى،

ئىران خەلىقئارا ئۇچۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسى «Press TV» نىڭ 15-چسىلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىر ئافغانىستاننىڭ فاراخ ئۆلكىسى (Farah province) دە ھەربىي بازا قۇرىۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر ھەربىي بازا ئىران چىگرىسىدىن پەقەت ئۈچ كىلومىتىرلار كىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئالدىنقى كۈنى مەزكۇر ھەربىي بازىدا ئالاقىلىشىش مۇنارى قۇرغان.
 

Www.AnAdiyar.Cn

5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزايى مۇنداق دېگەن ئىدى، ئامېرىكا ئۇرۇش دەستىدىن ھاسىراپ قالغان ئافغانىستاندا توققۇز ھەربىي بازا ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بىز ھازىر مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىمىز. بىراق شۇ كۈنى ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى جەي كارنېي (Jay Carney) كارزايىنىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى ھەمدە ۋاشىنگىتوننىڭ ئافغانىستاندا مەڭگۈلۈك ھەربىي بازا ساقلاپ قېلىش ئويىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي ئافغانىستان ھۆكۈمەت باياناتچىسى جەي كارنېينىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە ھەربىي بازا قۇرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغان ئىدى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئىران خەلىقئارا ئۇچۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسى «Press TV» يەنە مۇنۇلارنى خەۋەر قىلدى، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا-ئافغانىستان ئىككى تەرەپ كىلىشىم ئىمزالاپ ئامېرىكىغا 2014-يىلىدىن كىيىنكى 10 يىلدا ئافغانىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كارزايىمۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ 2011-يىلى ئافغانىستاندىن ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەربىي بازا تەسسىس قىلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ ئۆزلىرى ئىسىم قويىۋالغان «تىرورلۇققا قارشى كۆرەش» نىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى 2011-يىلى ئافغانىستانغا كىرگەن ئىدى. گەرچە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى چەت ئەل ئارمىيىسى تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، بىراق ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى يەنىلا ناھايىتى ناچار ھالەتتە تۇرماقتا.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776