نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 3028 قېتىم كۈرۈلدى
قول ئالقىنىنى يانفون ئېكرانىغا ئايلاندۇرالايدىغان قۇرۇلما كەشىپ قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.cnbeta.com

ياپونىيە ئورتاق ئاگېنتىلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە توكيو ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى 15-چېسلا ئۆزلىرى يېڭىدىن ئىجاد قىلغان تەسىۋىر چۈشۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلما تېز سۈرئەتتە ھەركەت قىلىۋاتقان بۇيۇملارنىڭ تەسىۋىرىنى ئىز قوغلاپ چۈشۈرەلەيدىكەن. بۇ قۇرۇلمىنى سىرلىق دېيىشتىكى سەۋەب بولسا مەزكۇر تەسۋىر چۈشۈرۈش قۇرۇلمىسى دەرھال قول ئالقىنىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئېكرانىغا ئايلاندۇرالايدىكەن.
بۇ تەتقىقات گۇرۇپپسىنىڭ ئەزاسى ئىسىكاۋا پىروفىسسور < ئەگەر بىز بۇ خىل تېخنىكىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرساق ئۇ ھالدا بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى قەغەزلەرنى ياكى ئۆزىنىڭ قول ئالقىنىمىزنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئېكرانىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشى مۇمكىن> دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
بۇ يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان تەسۋىر چۈشۈرۈش قۇرۇلمىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بىر دانە ئۈستەل چوڭلۇقىدا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئۈستىگە بىر تال تەسىۋىر چۈشۈرۈش ئاپپاراتى بىلەن 2 دانە تېز سۈرئەتلىك سىن ئېلىش كامىراسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كىشىلەر ئاق قەغەز ياكى قولىنىڭ ئالقىنىنى بۇ ئاپپاراتنىڭ ئاستىغا قويسىلا، تېز سۈرئەتلىك سىن كامىراسى ئۇنى سۈرەتكە ئېلىپ، تەسىۋر چۈشۈرۈش ئاپپاراتىغا يوللاپ، ئاندىن بۇ قەغەز ھەم قول ئالقىنىنى يانفون ئېكرانىغا ئايلاندۇرالايدىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776