نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 4313 قېتىم كۈرۈلدى
TCL شىركىتى تۇنجى بولۇپ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى Google TV نى ئېلان قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.cnbeta.com

گوگۇل شىركىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلگەن 2013-يىللىق I/O يىغىنىدا، TCL شىركىتى تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى Google TV نۇسخىسى ئاساسىدىكى شۇنداقلا ئاندىرويىد 4.2.2 مەشغۇلات سېستىمىسى ئاساسىدىكى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى بىر گەۋدىلەشكەن كومپىيوتېرى- MoVo UD نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلات پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى بولۇپ شۇنداقلا گوگۇلنىڭ I/O يىغىىنىدا كۆرگەزمە قىلىنغان بىردىنبىر 4Kx2K لىق ۋېدىئولارنى قوللىيالايدىغان Google TV بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنىسى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. ئىگەللىنىلىشىچە، گوگۇل شىركىتىنىڭ ھەر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان I/O يىغىنى بولسا مەشغۇلات سېستىمىلىرى شۇنداقلا قوللىنىش ئەپ پىروگراممىلىرى جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن كاتتا كەشىپات ھەم يېڭىلىقلار كۆرگەزمە قىلىنىدىغان خەلىقئارالىق كاتتا يىغىلىش بولۇپ، بۇ يىل سان فىرانسىسكودىكى Moscone مەركىزىدە ئېچىلغان بۇ يىغىندا پۈتۈن يەر شارىدىكى 5000 نەپەردىن ئارتۇق پىروگراممىر قاتناشقان ئىكەن.
ئىگەللىنىلىشىچە، TCL شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا كۆرگەزمىگە قويغان بۇ MoVo UD بىر گەۋدىلەشكەن كومپىيوتېرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا بۇ ئۈسكۈنە گوگۇل شىركىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىزدەش ماتورى ھەم Google TV سۇپىسىنىڭ ئاساسىدا 4Kx2K لىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن ۋېدىئولىرىنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىنغان ئىكەن. TCL شىركىتى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان بىر گەۋدىلەشكەن كومپىيوتېر Google TV نىڭ ئاۋازلىق ئىزدەش، كۆپ ئېكرانلارنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش فۇنكىسىيىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يېڭى ئىقتىدارلارغا ئىگە قىلىنغاندىن سىرت يەنە Google Play دۇكىنىدىكى 100 مىڭ خىلدىن ئارتۇق كىنو-فىلىم، تېلىۋىزىيە پىروگراممىلىرى شۇنداقلا مۇزىكا مەنبەسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەنگەنىكەن.
 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776