نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 7369 قېتىم كۈرۈلدى
ئۇ ئەردىن ئىككى بالىلىق، بۇ ئەردىن بىر بالىلىق بولغان ئايال دەككىسىنى يېدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

جۇڭگو ئاخبارات تورى چۇڭچىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى:
چۇڭچىڭ دازۇ رايونىدا تۇرۇشلۇق ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ياڭلىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا يولدىشى جوۋ فامىلىلىك بىلەن توي قىلغان بولۇپ، بىر ئوغۇل بىر قىزلىق بولغان. تۆت يىلنىڭ ئالدىدا، مىڭ فامىلىلىك يەنە بىر ئەر بىلەن ئەر-خوتۇن بولۇپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ھەم يەنە بىر قىزلىق بولغان. چۇڭچىڭ دازۇ رايونلۇق ساقچىلارنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاشكارىلىغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياڭلىڭ قەستەن قايتا نىكاھلىنىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىكەن.
ياڭلىڭ ئېرى جوۋ فامىلىلىك بىلەن چۇڭچىڭ شەھىرى دازۇ رايونىدىكى بىر كەنتتە تۇرىدىغان بولۇپ، 2001-يىلى ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغاندىن كېيىن بىر قىزلىق بولغان، 2005-يىلىغا كەلگەندە ئوغلى تۇغۇلۇشقا ئاز قالغان ۋاقىتتا، ئىككىسى ئاندىن توي خېتى ئالغان. بىر قىزى بىر ئوغلى بار بولغان ياڭلىڭ ئېرى بىلەن چىقىشالماي قالغان ھەم ھەدىسىلا كىچىككىنە ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئېرى بىلەن ئۇرۇشقان، شۇنىڭ بىلەن ئېرىنىڭ ئۆزىنىڭ تاپا-تەنىسىگە چىدىيالماي ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياڭلىڭ ئۆيىدە بالىلىرىغا قاراپ قالغان بولۇپ، ۋاقتى يەتسىلا ئېرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى نازارەت قىلغان.
ئەر-ئايال ئىككىسى ئايرىلىپ تۇرغاندىن كېيىن ياڭلىڭ ئىچى سىقىلىپ توردا پاراڭلىشىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلىنى تېپىۋالغان ھەم چېچى ئارقىلىق دازۇدا ئامانلىق قوغداش خادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر مىڭ فامىلىلىك يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ياڭلىڭ مىڭ فامىلىلىك بىلەن شۇنچىلىك تېز ۋاقىت ئىچىدىلا چىقىشىپ كەتكەن بولۇپ، 2009-يىلى يازغا كەلگەندە ئىككىسى بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا مۇھەببەتلەشكەن ھەم شەھەر ئىچىدىكى بىر يەردىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ بىللە تۇرغان. ياڭلىڭ ئىزچىل ئۆزىنىڭ بىر قېتىم توي قىلىپ ئىككى بالىسى بولۇپ بولغانلىقىنى يوشۇرغان. مىڭ فامىلىلىك نەچچە قېتىم ياڭلىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قويغان بولسىمۇ بىراق ياڭلىڭ ئاتا-ئانام ئۇنىمايدۇ دەپ باھانە قىلىپ ئىزچىل كەينىگە سۆرىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئەر-ئايال بولۇپ ئۈچ يىل بىللە تۇرغاندىن كېيىن 2012-يىلىغا كەلگەندە ئىككىسىنىڭ قىزى تۇغۇلغان.
ياڭلىڭ بىلەن مىڭ فامىلىلىك بىللە تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، ياڭلىڭنىڭ ئېرى جوۋ فامىلىلىك ئىزچىل چۇڭچىڭ شەھىرىدە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئايالى ياڭلىڭغا بالىلىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تاپقان-تەرگەنلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرغان. 2011-يىلى، جوۋ فامىلىلىك ياڭلىڭنىڭ ئاشنىسى بارلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنى سوراققا تارتقان، بىراق ياڭلىڭ ئىزچىل ئۇنداق ئىشنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ ئېرىگە يالغان ئېيتقان. جوۋ فامىلىلىكمۇ ئىككى بالىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئانچە چوڭقۇر تەكشۈرمىگەن. 2013-يىلى باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئۆيىگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزمەكچى بولغان جوۋ فامىلىلىك ئايالىنىڭ قايتىپ كەلمە دەپ ئۇرغان تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەم ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالغان. بۇ زادى نېمە ئىشتۇ ئەمدى؟ باشقا ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى كۈندە تېلېفون قىلىپ ئېرىنىڭ قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى سورىسا، مېنىڭ ئايالىم مېنى قايتىپ كەلمىگىن دېسە؟ بۇنىڭ تېگىدە چوقۇم بىر سەۋەب بار دەپ ئويلىغان جوۋ فامىلىلىك ئايالىدىن تېخىمۇ گۇمانلىنىشقا باشلىغان.
جوۋ فامىلىلىك مەخپىي قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كەنتتىكى باشقا كىشىلەردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئايالىنىڭ مىڭ فامىلىلىك بىلەن بىرسى بىرلىشىۋالغانلىقىنى بىلگەن ھەم ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى ئىزدەپ تاپقان، شۇنىڭ بىلەن ياڭلىڭنىڭ بارلىق ئالدامچىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالغان. جوۋ فامىلىلىك ۋە مىڭ فامىلىلىك ئىككىسى ياڭلىڭنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىقىنى قەتئىي كەچۈرەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقى كەلگەن جوۋ فامىلىلىك دېلو مەلۇم قىلىپ ساقچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ياڭلىڭنىڭ قايتا نىكاھلىنىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلگەن ھەم تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ياڭمىڭغا مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203