نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 4464 قېتىم كۈرۈلدى
بېكخام كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : sports.qq.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

تىڭشۈن تەنتەربىيە خەۋىرى، : بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، ئەنگىلىيە پۇتبول باش ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى بېكخامنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پۇتبول ساھەسىدىن رەسمىي چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» بۇ خەۋەرنى ئەڭ ئاۋۋال خەۋەر قىلغان بولۇپ، مۇخبىر مۇنداق دەپ يازدى: «بېكخام يېقىندا پۇتبول ساھەسىدىن چىكىنىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. كەينىدىن ئۇ يەنە قايغۇرغان ھالدا: «20 يىل بۇرۇن مانچىستېر بىرلەشمىسىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئوينىغاندىن بۇيان، بېكخام شۇ دەۋردىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان پۇتبولچى بولۇپ قالدى: ئۇ ئىنگىلاند كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 115 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى، كوماندىنىڭ كاپىتانى بولدى؛ بۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە تۆت دۆلەتتە چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى، ئەنگىلىيە پۇتبول تەنھەرىكىتىدە بۇ ‹مىسلى كۆرۈلمىگەن نەتىجە› بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».
كەينىدىن فرانسىيە «كوماندا گېزىتى»، ESPNقاتارلىق داڭلىق تاراتقۇلارمۇ بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. «كوماندا گېزىتى» مۇنداق دەپ يازدى: «38 يېشىدا بېكخام پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدى». ئەمەلىيەتتە دۈشەنبە كۈنىلا بۇ گېزىت بېكخامنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى تارقاتقان.
ھالبۇكى بېكخامنىڭ رەسمىي ھالدا پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنىدىغانلىق خەۋىرىنى ئەنگىلىيە پۇتبول باش ھۆكۈمەت تور بېتى تارقاتتى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى باياناتىدا ئۇلار مۇنداق دەپ يازدى: «ئىنگىلاند كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد.بېكخام بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رەسمىي ھالدا پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ. 38 ياشلىق بۇ پۇتبول چولپىنى ئىلگىرى ئىنگىلاند كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 115 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئىنگىلاند كوماندىسىدىكى ئىنگىلاند كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئەڭ كۆپ مۇسابىقىگە چۈشكەن پۇتبولچى (ۋارتاردىن سىرت) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە 58 قېتىم ئىنگىلاند كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولغان».
كەينىدىن ئۇلار يەنە بېكخام قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلەرنى تىلغا ئېلىپ: «بېكخام ئىلگىرى بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيونلۇقىنى، ئالتە قېتىم ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى، بىر قېتىم ئىسپانىيە Aدەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ پارىژ سانت گىرمان كوماندىسى بىلەن بەش ئايلىق توختام تۈزگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بارلىق ئىش ھەققىنى پاراۋانلىق جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلدى».
بېكخام مۇنداق دەپ يازدى: «مەنچە پۇتبول ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋاقىت بولدى، ئۆزۈمنىڭ پۇتبول كەسپىي ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىشىم كېرەك، مەن ئىزچىل يۇقىرى سەۋىيىسىدىكى مۇسابىقە مەيدانلىرىدا پۇتبول ئوينىدىم. مەن ئىلگىرى مەن بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش سەپداشلىرىمغا، تېرىنىرلىرىمغا شۇنىڭ بىلەن بىللە مېنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان پۇتبول مەستانىلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇلار مېنىڭ ئىزچىل قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىمدىكى، غەلىبىگە ئىنتىلىشىمدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ».
«ئەگەر بالىلىق دەۋرىمدا بىرى ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ بىر مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولىدىغانلىقىمنى بالىلىق دەۋرىمدە قوللاپ كەلگەن مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا ئەگىشىپ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىمنى، ئىنگىلاند كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 100 مەيداندىن ئوشۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقىمنى، ئىنگىلاند كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولىدىغانلىمنى، دۇنياۋى دەرىجىدىكى ئۇلۇغ پۇتبول كوماندىلىرىدا توپ تېپىدىغانلىقىمنى..... ئېيتقان بولسا مەن چوقۇم ئۇ دىگەن «مىڭبىر كېچە» دىكى رىۋايەتلەر دىگەن بولاتتىم. ئۆزۈمنىڭ بارلىق ئارزۇ-غايىلىرىمگە يەتكەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن».
«كوماندا گېزىتى» نىڭ دېگىنى بويىچە بېكخام «ناھايىتى تېزلا» قاتار 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ئۇنىڭ داۋاملىق پارىژ سانت گىرمان كوماندىسىدا قېلىپ ۋەزىپە ئۆتەش ئېھتىماللىقى ناھايىتى زور. 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، پارىژ سانت گىرمان كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ئاشكارە ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بېكخامنىڭ قانداق قارار چىقىرىشىدىن قەتئىينەزەر بىزنى ئۇنى قوللايمىز، ئۇ بارلىق شان-شەرەپلەرگە ماس كېلىدۇ».

بېكخامنىڭ 1995-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئىش-ئىزلىرىغا نەزەر
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776