نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 10745 قېتىم كۈرۈلدى
ئافغانىستان تالىبانلىرى قوزغىغان «ئەتىيازلىق ھۇجۇم» دا خېلى كۆپ ئادەم ئۆلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

ئافغانىستان تالىبانلىرى قوزغىغان «ئەتىيازلىق ھۇجۇم» دا خېلى كۆپ ئادەم ئۆلدى

چەتئەل تېلېگراممىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 28 – ئاپرېل، ئافغانىستان تالىبانلىرى شۇ كۈنى ئافغانىستاننىڭ شەرقى قىسمىدا ئۆلكىلىك ساقچى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ جايلىق ھۆكۈمەت مۇنداق دېدى، گازنى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، ئۆلكىلىك ساقچى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىدىن باشقا يەنە ئىككى نەپەر ساقچىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن، يەنە ئىككى ئادەم يارىلانغان. بۇ قوراللىق تەشكىلات مۇنداق دېدى، گازنى ئۆلكىسىدىكى يول بويىدىكى بومبىنىڭ پارتلىشى ھەر يىللىق «ئەتىيازلىق ھۇجۇم» نىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئافغانىستان تالىبانلىرى 28 – چىسلا مۇنداق دېدى، بۇ يىللىق «ئەتىيازلىق ھۇجۇم» دا ئافغانىستان چېگرىسى ئىچىدىكى ئامېرىكىنى قوللىغۇچى ھۆكۈمەت، چەتئەللەرنىڭ ھەربىي ئىشلار بازىسى ۋە تاشقى دېپلوماتىيە ئەلچىخانىسى بىناسى قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلىمىز. تالىبانلار مۇنداق دېدى، «شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلغان چەتئەللىكلەرنى ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندۇرۇش، ھالسىرىتىش ئۈچۈن، بىز بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىمىز». تالىبانلار يەنە كارزائى ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كىشىلەرنى ھۆكۈمەتتىن تېز ئايرىلىپ كېتىشكە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئافغانىستانلىق ياشلارنى ساقچى قىسىملىرى ۋە ھەربىي قىسىمغا قاتناشماسلىققا چاقىردى.
4 – ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، تالىبانلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆرىنەرلىك كۆپەيدى. 4 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، ئافغانىستان ئەسكەرلىرىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇرلار ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى فارا ئۆلكىسىدىكى بىر سوت مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلدى، بۇ ۋەقەدە 53 ئادەم ئۆلۈپ، 90 ئادەم يارىلاندى. 6 – چىسلا ئافغانىستاندا ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، جەمئىي ئالتە نەپەر ئامېرىكىلىق ۋە بىر نەپەر ئافغانىستانلىق دوختۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى. يۇقىرىقى ۋەقەلەرگە قارىتا ئافغانىستان تالىبانلىرى بۇ ۋەقەلەرگە ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203