نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 17137 قېتىم كۈرۈلدى
مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

4-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا بازىرىدا ئۈچ نەپەر مەھەللە خىزمەتچىسى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىدە گۇمانلىق كىشىلەر ۋە ئەسۋابلارنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن ۋە دەرھال تېلېفون ئارقىلىق يۇقىرىغا بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان، كېيىنلا ئۆي ئىچىدىكى سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان.

دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بازارلىق ساقچىخانىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن مەھەللە خادىملىرى نەق مەيدانغا بارغان، بىراق ئۆي ئىچىدىكىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كونترول قىلىنغان كىشىلەرمۇ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۆي ئىچىدىكى گۇمانلىق كىشىلەر ئۆيگە ئوت قويۇۋەتكەن. ئارقىدىنلا يېتىپ بارغان خەلق ساقچىسى ئۆي ئىچىدىكى گۇمانلىق كىشىلەرنى ئوققا تۇتقان ۋە نەق مەيداننى كونترول قىلغان.

بۇ ۋەقەدە خەلق ساقچىسى ۋە مەھەللە خادىملىرى بولۇپ، جەمئىي 15 كىشى قازا قىلغان (ئۇيغۇرئون نەپەر، خەنزۇ ئۈچ نەپەر، موڭغۇل ئىككى نەپەر)، ئىككى كىشى يارىلانغان (ئۇيغۇر). ۋەقەدە ئالتە ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، سەككىز ئادەم قولغا ئېلىنغان.

نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ دېلونى تېرورلۇق ۋەقەسى دەپ بېكىتكەن بولۇپ، دېلو تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776