نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 8581 قېتىم كۈرۈلدى
پۈتۈن دۇنيادىكى خاككېرلارنىڭ بۆشۈكى-رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىيە
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.qq.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇمىنىيە بىلەن بۇلغارىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت ھازىر ئىقتىسادىي كەينىدە قالغان، لېكىن پەن تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغان تىپىك دۆلەتلەرگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ يەردە ھەر خىل خاككېرلار شۇنداقلا كومپىيوتېر مۇتەخەسسىسلىرى تۇلۇپ تاشقان بولۇپ، بۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ھەر خىل IT تېخنىكىلىرى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزلىرىمۇ ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ تەمىنى تېتىماقتا.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسى، ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتناش ئىدارىسى شۇنداقلا ئەنگىلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تورىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، رۇمىنىيىنىڭ لەقىمى-TinKode بولغان خاككېرى ھازىر رۇمىنىيە دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى گۇرۇھىنىڭ بىر نەپەر كومپىيوتېر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى بولۇپ قالغان.
TinKode لەقەملىك بۇ خاككېرنىڭ ھەقىقىي ئىسىم فامىلىسى بولسا رازۋان مانولا كارنايۇ (Razvan Manole Cernaiu) بولۇپ، ئۇنىڭ خاككېرلىق ھەركىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم شىركەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى ئېچىپ قويغان بولغاچقا، شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
رازۋان بولسا رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىيىدىكى كومپىيوتېر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىرىلا بولۇپ، ياۋروپا ئىتتيىپاقىغا ئەزا بولغان بۇ ئىككى نامرات دۆلەت ئۆزىنىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشچىلىرى ھەم ئۆزىنىڭ سىتراتىگىيىلىك مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىگە تايىنىپ، ئۆز دۆلىتىدىكى پەن تېخنىكا كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغانىدى. دۆلەت ھالقىغان چوڭ شىركەتلەر بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنى ياللاپ، ئۇلارنى خېرىدارلار ۋەكالەتچىسى، يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىپ ئېچىش، سودا خاراكتېرلىك ھۆددىگە ئېلىش كەسپى قاتارلىق كەسىپلەرگە ئىشقا قويغان، دۇنياغا داڭلىق بولغان Oracle، SAP、IBM، خۇيپۇ ۋە شىمېنزى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ دۆلەتلەردە سودا مەركىزى قۇرۇپ چىققان.
رۇمىنىيە شىركىتى-GeCaD ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى ئۈچۈن RAV ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، يەنە بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختىگە جايلاشقان Softwin شىركىتىمۇ بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىلا BitDefender ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى بۇ ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ئابونت سانى 500 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنىدى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، رۇمىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى نىكولا كومپىيوتېر تەتقىقاتى ھەم مائارىپىنى قوللاش ئارقىلىق، مىللەتنىڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن ئىدى. 1989-يىلىدىن كېيىن، قانۇنسىز ھالدا نەشرى ئوغرىلانغان بۇيۇملار يامراپ كەتكەن بولۇپ، ھەقىقىي نۇسخىلىق يۇمشاق دېتالنى سېتىۋېلىشقا قۇربىتى يەتمىگەن كىشىلەر ھامان مۇشۇ خىل نەشرى ئوغرىلانغان يۇمشاق دېتاللارنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتەتتى.
دوناي دەرياسىنىڭ يەنە بىر قىرغىقىدىكى بۇلغارىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى كىشىلەر بولسا قاتتىق دېتالغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى رايونىنىڭ %40 كومپىيوتېرىنى دەل بۇلغارىيىلىكلەر تەمىنلەيتتى. يېقىنقى بىر پارچە دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر رۇمىنىيە بولسا جۇڭگودىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ خاككېرلار دۆلىتىگە ئايلانغانىدى. ئامېرىكىنىڭ ئىشپىيونلۇق ئىدارىسى ھەتتا رۇمىنىيىدە مەخسۇس ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلار مەخسۇس ئىشپىيون ساقچىلارنى تەربىيەلەيدىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776