نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 9590 قېتىم كۈرۈلدى
ئەنگىلىيەلىك ماشىنا ئوغرىلىرى توردا ئۆز بايلىقىنى كۆز كۆز قىلىپ، قولغا ئېلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : photo.huanqiu.com

يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى:
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 25 – ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە لوندوندىكى بىر ئوغرىلىق گۇرۇھى توردا ئۆز گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەشەمەتلىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، قولىدا «پۇل، ساندۋىچ» ئالغىنىچە ئۆز بايلىقىنى كۆز كۆز قىلىۋاتقان سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ بۇ «دۆت» ئوغرىلارنى قانۇن بويىچە قولغا ئالغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر جىنايەت گۇرۇھى سەككىز ئادەمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جەمئىي 15 قېتىم دېلو سادىر قىلىپ، توققۇز دانە ھەشەمەتلىك ماشىنا ۋە بىر قىسىم ئۈنچە مەرۋايىتلار، يانفون، كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى ئوغرىلىغان. مەزكۇر گۇرۇھنىڭ ئەزاسى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى Facebook تا ئۆزىنىڭ ئوغرىلاپ كەلگەن بىر ھەشەمەتلىك دالا ماشىنىسىنىڭ ئالدى قاپقىقى ئۈستىدە ئولتۇرغان سۈرىتىنى ئېلان قىلغان: بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە سۈرەتتە، ئىككى ئەر كىشى ئۆزلىرى ئوغرىلاپ كەلگەن ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، شامپان ئىچىۋاتقان بولۇپ، قولىغا رولېكس سائىتى ۋە كارتاير سائىتى تاقىۋالغان، يەنە قولىغا بىر تۇتام پۇل ئالغىنىچە فوتو ئاپپارات ئالدىدا ھەر خىل قىياپەت بىلەن سۈرەتكە چۈشكەن؛ گۇرۇھتىكى 19 ياشلىق بىر ئەزا قولىدا پۇل ۋە ساندۋىچ تۇتقان ھالەتتە سۈرەتكە چۈشكەن؛ گۇرۇھ كاتتىۋېشى 20 ياشلىق گالان ۋىليامس بىر ھەشەمەتلىك ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ سۈرەتكە چۈشكەن. ساقچى تەرەپ ئۇلارنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، يەتتە ئەزانىڭ ھەممىسى جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، قانۇنغا باش ئەگكەن، 18 ياشلىق بىر ئەزا بولسا ئوغرىلىققا قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلغان، بىراق 3 – ئايدا ئۇنىڭ جىنايىتى بارلىقى ئىسپاتلانغان.

بۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كرېيگ لونارد مۇنداق دېدى، بۇ جىنايەت شايكىسى ئوغرىلىق قىلىشقا ناھايىتى ماھىر، بىراق ئەخمەقلىق قىلىپ قويۇپ، قولغا ئېلىندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ گۇرۇھ قولغا چۈشكەندىن كېيىن، ئېنگلاند كېنسىڭتون رايونىدىكى ئوغرىلىق دېلوسى %48 ئازلىغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203