نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 3268 قېتىم كۈرۈلدى
دروگبا: تېررى ۋە لامپاردنىڭ چېلسى كوماندىسىدا قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -04
  • يوللىغۇچى : كامىلجان
  • مەنبەسى : ports.163.com

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى4- ئاپرېل خەۋىرى : دروگبا توپ تېپىۋاتقان گالاتا ساراي كوماندىسى بۈگۈن ئەتىگەندە 0-3 نەتىجە بىلەن خان مادرىد كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، ھەم شاللىنىش گېرداۋىغا بېرىپ قالدى. دروگبا مۇسابىقىدىن كېيىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندى. دروگبانى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغىنى شۇ بولدىكى، ئۇنىڭ ئىككى سابىق سەپدىشى تېررى بىلەن لامپارد چېلسى كوماندىسىنىڭ ياشلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن.
 ئېگىلىنىشچە، چېلسى كۇلۇبى يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بۇ يىل يازدا توختامى ئاخىرلىشىدىغان لامپاردقا يېڭى توختام بېرىشنى خالىمىغان، گەرچە ئېنگىلاند كوماندىسىنىڭ بۇ پېشقەدەم ماھىرى يەنە ئىككى توپ كىرگۈزسىلا چېلسى كۇلۇبى تارىخىدىكى بىرىنچى ھۇجۇمچىغا ئايلىنىدىغان بولسىمۇ، چېلسى كۇلۇبى يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق توختاملىشىشنى خالىمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يارىلىنىپ ساقايغان تېررى كوماندىغا قايتقاندىن كېيىنمۇ مەشقاۋۇل بېنىتېس ئۇنى كاندېدات ماھىر قىلىپ قويغان. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، دروگبا بۇ ئىككى سابىق سەپدىشىنى ناھەقچىلىققا ئۇچرىدى دەپ قارىدى. دروگبا چېلسى كوماندىسىنىڭ لامپارد ۋە تېررىنى قالدۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776