نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 3987 قېتىم كۈرۈلدى
Android مەشغۇلات سېستىمىلىق خاتىرە كومپىيوتېر بۇ يىلنىڭ 3-پەسىلىدە دۇنياغا كېلىدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -04
  • يوللىغۇچى : كامىلجان
  • مەنبەسى : www.cnbeta.com
Www.AnAdiyar.Cn
 
 

  ھەمىشە تەيۋەن ۋەكالىتەن پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىدىن ئۇچۇر ئىگەللەيدىغان تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىسى- Digitimes تور بكىتى يېقىندا ناھايىتى قىزىقارلىق بولغان بىر خىل پەرەزنى ئۇتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ پەرەزدە Android مەشغۇلات سېستىمىسى سەپلىنىلگەن خاتىرە كومپىيوتېر 2013-يىلنىڭ 3-پەسلىدە دۇنياغا كېلىدۇ دېيىلگەن ئىدى. Digitimes تور بېكىتىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە نۆۋەتتە گوگۇل شىركىتىنىڭ Chromebook خاتىرە كومپىيوتېرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن 2013-يىلى مىليون دانە Chromebook خاتىرە كومپىيوتېرى ئېستىمالچىلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىدىكەن، چۈنكى گوگۇل شىركىتى Chromebook خاتىرە كومپىيوتېرىغا قارىتا تېخىمۇ كۆپلىگەن شۇنداقلا زور كۈچ بىلەن سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، گوگۇل شىركىتىنىڭ ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان Chormebook Pixel ماركىلىق خاتىرە كومپىيوتېرلارنىڭ سېزىمچانلىق دەرىجىسىى ئالما شىركىتىنىڭ Retina كۆرۈش پەردە ئېكرانى سەپلىنىلگەن MacBook خاتىرەكومپىيوتېرلىرىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ بولسا گوگۇل Chormebook خاتىرە كومپىيوتېرلىرىنىڭ بازار تېپىشىدىكى ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
گەرچە ھازىرچە گوگۇل Chrome OS مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ كۈنسېرى Android مەشغۇلات سېستىمىسى بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ قىسقىراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلەر بولمىسىمۇ، لېكىن پۈتۈنلەي Android مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلىدىغان خاتىرە كومپىيوتېرنى ئىشلەپچقىرىش گوگۇل شىركىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇتلەق مۇمكىن بولىدىغان بىر ئىش. شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىسى Digitimes دىن كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ ھەقىقىيلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە تەيۋەندىكى ھەر قايسى مەھسۇلات ئىشلەپچىقرىش زاۋۇتلىرىنىڭ مال زاكاز قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ قايسى خىل مەھسۇلاتنىڭ يېڭىدىن دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776