نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 6612 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگۇدا توپ تەپكەنلىكى سەۋەبى بىلەن دېروگبانى دۆلەت كوماندىسى ئالمىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : sports.sohu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

بېيجىڭ ۋاقتى 21-مارت، نۆۋەتتە تۈركىيە گالاتا سارىيىدا توپ تېپىۋاتقان دېروگبا ئويلىمىغان يەردىن كېلەر ھەپتە زامبىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 28 كىشىلىك تىزىملىككە كىرەلمىدى. ھەمدە بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىللىق ئافرىقا لوڭقىسىدا بۇ دېۋە كوتئىردىۋونىڭ باش ترېنېرى راموچ تەرىپىدىن تىزىملىك سىرتىدا قالدۇرۇلغانىدى، ئىلگىرى ھەتتا دېروگبا بىلەن راموچنىڭ مۇناسىۋىتى تازا ياخشى ئەمەس دېگەندەك خەۋەرلەر تارقالغان. «BBC»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېروگبانىڭ بۇ قېتىملىق دۆلەت كوماندىسىغا تاللىناسلىقىدىكى سەۋەب توغرىسىدا، راموچ ئىپادە بىلدۈرۈپ، دىروگبانىڭ ھازىرقى ئىپادىسى تازا ياخشى ئەمەس، بۇنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى بولسا، ئۇ ئىلگىرى جۇڭگودا توپ تېپىمەن دەپ يۆتكىلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ مۇسابىقە ھالىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېدى.
راموچ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى، دېروگبا بىر مۇنەۋۋەر توپچى، باشقا توپچىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ رىقابەت ھالىتى يامان ئەمەس، بىراق ئۆتكەنكى 8 ئاي ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى مۈشكۈل بىر مەزگىل بولدى. بۇلۇپمۇ جۇڭگۇ شاڭخەي شېنخۇادا توپ تەپكەن ۋاقتىدا بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇ بەدەن ساغلاملىقىنى ياخشى ساقلىيالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ 8 ئايدا ئۇ 3 قېتىم كۇلۇب ئالماشتى، بۇنداق مۇقىمسىز ھالەت ئۇنىڭ مۇسابىقە ھالىتىگە تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ھالىتىنى ئاستا ئاستا تەڭشەپ دۆلەت كوماندىسىغا قايتىشى ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ.
گەرچە بۇ قېتىم دېروگبا چوڭ تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، بىراق مۇرىچنىڭ قارىشىچە كەلگۈسىدىكى كوتئېردىۋو كوماندىسىدا بۇرۇن دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 94 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 57 توپ كىرگۈزگەن بۇ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى كەم بولسا بولمايدۇ. «دېروگبا ئاۋۋالقىدەكلا كوتئېردىۋونىڭ كاپىتانى، مەن يەنە ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا قايتىپ، دۇنيا لوڭقىسىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئۇنىڭ يۇقىرى سەۋىيە ھالىتىدە دۆلەت كوماندىسىغا قايتالايدىغانلىقىدىن گۇمانلانغان ئەمەس، ئۇ ھەرقانداق بىر كوماندا ئېرىشىشنى خالايدىغان توپچى» دەيدۇ راموچ.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776