نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 8853 قېتىم كۈرۈلدى
ئىش ئورنىدا ئۆلۈپ قالغان كىشىنىڭ جەسىتىنى خىزمەت ئورنىدىن ئەكەتمەي ئىككى كۈن ساقلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.ifeng.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

لوخۇدىكى 56ياشقا كىرگەن ئامانلىق قوغداش خادىمى كېچىلىك نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ۋاقتىدا تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ قالغان بولۇپ، خىزمەت ۋاقتىدا بۇ كىشىنىڭ جەسىتى ئامانلىق قوغداش بۆلۈمىدە ئىككى كۈن ساقلاندى. 3-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچقۇرۇن ئاندىن دەبنە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى. ئۆيىدىكىلەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ ئامانلىق قوغداش خادىمىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ مۇئامىلىسى تولىمۇ سوغۇق بولۇپ، خۇددى بۇ ئىشتا ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوقتەك قاراپ تۇرغان. نۆۋەتتە بۇ ئىشقا چېتىشلىق ئىككى تەرەپ كېلىشىشكە چۈشكەن بولۇپ، سۈرەت 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان. بىر ئامانلىق قوغداش خادىمى ئىشخانىسىدا ئۆلۈپ قالغان بولۇپ، ئۆيىدىكىلەر بىر تەرەپتىن مۇز پارچىلىرى بىلەن جەسەتنىڭ سېسىپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئالسا يەنە بىر تەرەپتە قەغەز كۆيدۈرۈپ ماتەم تۇتماقتا ئىدى.
 

 

Www.AnAdiyar.Cn

3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇخبىر، لوخۇدىكى ۋېنجىندۇ سودا سارىيىنىڭ ئامانلىق قوغداش خادىملىرى تۇرىدىغان ئىشخانىنىڭ ئالدىدا بەش-ئالتە كىشىنىڭ ئورۇۋېلىنغانلىقىنى كۆردى، ئۇ يەردە چارلاش ساقچىلىرى بىلەن رازۋېدكا ئەترىتىدىكى ساقچىلار ئىشىك ئالدىدا تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، بىر نەچچە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا نەسىھەت قىلماقتا. ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتى يەنىلا ئامانلىق قوغداش خادىملىرى تۇرىدىغان ئىشخانىدا تۇراتتى. ئائىلىسىدىكىلەر جەسەتنى بازاردىن ئېلىپ كەلگەن مۇز پارچىلىرى بىلەن ئوراپ قويغان بولۇپ، سېسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. ئۆلگۈچىنىڭ فامىلىسى لى بولۇپ بۇ يىل 56ياشقا كىرگەن. ئۆيىدىكىلەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، لى فامىلىلىك شېنجىن شەھىرى ئامانلىق قوغداش شىركىتى ئەۋەتكەن ئامانلىق قوغداش خادىمى ئىكەن. ئالاھىدە كېسىلى يوق بولۇپ ئالدىنقى كۈنى سەھەر سائەت ئۈچلەر بىلەن ئۆلۈپ قالغان.
 

Www.AnAdiyar.Cn

ئۆيىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئالدىنقى كۈنى كەچتە لى فامىلىلىك نۆۋەتچىلىك قىلىمەن دەپ كېتىپ قالغان بولۇپ، شۇ كۈنى سەھەر سائەت ئۈچلەر بىلەن تۇيۇقسىزلا يەرگە يېقىلغان. يەنە بىر خىزمەتدىشى لى فامىلىلىكنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېغىزىدىن ئاق كۆپۈكنىڭ يانغانلىقىنى بايقىغان ھەم دەرھال 120جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن ياردەم سورىغان. بىراق بەختكە قارشى جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېتىپ كەلگەندە ئاللىقاچان نەپەستىن قالغان ئىدى. سۈرەتتە جەسەتنى يۆتكەپ ماڭغاندا ئائىلىسىدىكىلەر يىغا-زار قىلماقتا ئىدى.
 

 

Www.AnAdiyar.Cn

لى ئەپەندىنىڭ ئىشقا كېلىش-كېتىش خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلۈپ كېتىدىغاننىڭ ئالدىدا 13كۈن ئۇدا كېچىلىك ئىشقا چىققان. ئارىلىقتا ئۈچ كۈن دەم ئالغان بولۇپ، ئىككى كۈن ئىلگىرى بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشى توشۇپ ئىشقا چۈشكەن ئىكەن. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، لى فامىلىلىكنىڭ ئۆلۈمى خىزمەتتە بەك چارچاپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر شېنجىن ئامانلىق قوغداش شىركىتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەن. 3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن 40مىنۇت ئۆتكەندە ساقچىلارنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن لى فامىلىلىكنىڭ جەسىتى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىلدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776