نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 4948 قېتىم كۈرۈلدى
ئالما شىركىتى 6-ئاينىڭ29-كۈنىiPhone5S ۋە iPad5 نى تارقىتىشى مۇمكىن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinaz.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئالما شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر قىسىم خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالما بۇ يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى«ئەسلىدىكى قىزغىنلىق ۋە يېڭىچە ئىدىيە» يەنى (Original Passion,New Ideas) نى باش تېما قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كىيىنكى ئەۋلاد ئالما يانفونى iPhone5s ۋە iPad5نى تارقىتىدىكەن.
2007-يىلى6-ئاينىڭ29-كۈنىنى ئەسلىسەك، ئالما شىركىتى بۇ كۈنى Macworld دا ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىiPhone نى ئېلان قىلغانىدى. بۇ قېتىمقى مەھسۇلات تارقىتىش كۈنى يەنىلا 6-ئاينىڭ 29-كۈنى قىلىپ بېكىتىشمۇ دەل تۇنجى ئايفون تارقىتىلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئىكەن. بۇ قېتىمقى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تىم كۇك ئۆز قولى بىلەن پۈتۈنلەي يېڭى iOS ئۈسكۈنىلىرى، يەنىiPhone5s ۋە iPad5 نى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن.
بۇندىن باشقا، خەۋەردە دىيىلىشىچە بۇ قېتىمقى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئالما شىركىتىنىڭ كالىفورنىيەدىكى باش ئىشتابىدا ئىلىپ بىرىلىدىكەن.بىراق، تەكلىپنامە تارقىتىلىشتىن بۇرۇن، بۇ قېتىمقى مەھسۇلات تارقىتىش يىغىنىنىڭ كونكېرىت ۋاقتى ۋە باشقا تەپسىلاتلىرىنى ئېنىق بىكىتىشكە بولمايدىكەن، بۇنىڭدا يەنىلا ئالما شىركىتىنىڭ رەسمىي جاكارلىشىنى كۈتۈشكە توغرا كىلىدىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776