نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 6120 قېتىم كۈرۈلدى
‹تۇمان ئېكران› روسىيىدە بازارغا سېلىندىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -15
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.cnbeta.com

روسىيىنىڭ Displair شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىققان بىر خىل مەۋھۈم چەكمە كونتىروللۇق ئېكران ئۈسكۈنىسى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا روسىيىدە بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ،ئابونتلار بۇ خىل ئېكراننى ئىشلەتكەندە،پەقەت بۇ مەۋھۈم ئېكران ئالدىدا قولىنى پۇلاڭلاتلىسىلا كومپىيوتېردا ئويۇن ئوينىيالايدىكەن ھەم باشقا مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدىكەن.بۇ پۈتكۈل ئۈسكۈنە بولسا تۇمان ئېكران ھاسىل قىلغۇچ،كۆپ نۇقتىلىق چەكمە كونىتىرول سېستىمىسى،تەسۋىر چۈشۈرگۈچ ھەم ئالاھىدە يۇمشاق دېتال قاچىلانغان كومپىيوتېر قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،تۇمان ئېكران ھاسىل قىلغۇچ ئاقما ھالەتتىكى تۇمان ھەم ئۇششاق سۇ دانىچىلىرىنى چىقىرىپ،< تۇمان ئېكران> شەكىللەندۈرەلەيدىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

قول بارماقلىرى <ئېكران > نى تۇتقاندا،سىرتقى يۈزنىڭ كېرىلىش كۈچى تەسىرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىكەن ھەم قاتتىق بۇلۇپ ئۆزگىرىش ئارقىلىق كومپىيوتېرنى كونتىرول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.بۇ مەۋھۈم ئېكراندا 1500 دانە چەكمە كونتىرول نۇقتىسى بار بولۇپ،ئابونتلارنىڭ قول ھەركىتى چىقىرىشىدىن تارتىپ كومپىيوتېرسېستىمىسىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشقىچە بولغان سوزۇلما ۋاقىت 0.2 سىكۇنتقىمۇ يەتمەيدىكەن.بۇ ئۈسكۈنە سائىتىگە 1.5 لىتر سۇ سەرپ قىلىدىكەن.
پەرەز قىلىنىشىچە،بۇ ئۈسكۈنە تەخمىنەن 4 مىليون رۇپىيە يەنە 810 مىڭ خەلق پۇلىغا تەڭ بولغان باھادا سېتىلىدىغان بولۇپ،ئاساسلىقى كارخانا ئابونتلىرىغا يۈزلەنگەن مەھسۇلات بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن.روسىيىنىڭ بۇ شىركىتىنىڭ قارىشىچە،مەۋھۈم ئېكران كەلگۈسىدە ھازىرقى ئەنئەنىۋى سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكراننىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان بولۇپ،ئۇلار كەلگۈسىدە شەخىسلەرگە يۈزلەنگەن تېخىمۇ ئەرزان نۇسخىلىق مەۋھۈم ئېكراننى بازارغا سالىدىكەن.
روسىيىلىك ماكسىم كامانىڭ 2009-يىلى بۇ خىل <تۇمان ئېكران>نى كەشىپ قىلغان بولۇپ،كېيىن ئۇ Displair شىركىتىنى قۇرغان ھەم ئۆتكەن يىلى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغكە ئېرىشكەن ئىدى.مەزكۇر شىركەت بۇ يىل گېرمانىيىنىڭ ھانوفېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2013-يىللىق ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكسى كۆرگەزمىسىدە ئۆزىنىڭ بۇ <تۇمان ئېكرانى> نى كۆرگەزمە قىلغان ھەم نەقمەيداندا < مېۋە-چېۋە كېسىش> ئويۇنىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776