نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 7559 قېتىم كۈرۈلدى
كورىيەدىكى بايلار پۇلىنى ياپونىيە ۋە ئامېرىكا بانكىلىرىغا قويۇشنى ياخشى كۆرۈدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -12
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : hawar.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

شىنخۇا تورى بېيجىڭ 20 -ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى . كورىيە سىتىراتىگىيىلىك مالىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان "شەخسلەرنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى مال-مۈلكىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تارقىلىش ئەھۋالى" دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە ، كورىيەدە نۆۋەتتە 34 نەپەر باينىڭ پۇلى ياپونىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە ئورگىنىدا بولۇپ ، ئومۇمىي مال-مۈلۈك 918 مىليارد 800 مىڭ ۋون (5 مىليارد 237 مىليون خەلق پۇلى) غا بارىدىكەن . ئوتتۇرىچە ھېساپ بىلەن ھېساپلىغاندا ، ھەربىر ئادەمنىڭ ياپونىيەدىكى ئامانىتى 27 مىليارد ۋون (154 مىليون خەلق پۇلى) دىن توغرا كېلىدىكەن .
كورىيەدىكى بايلارنىڭ ئىچىدە پۇلىنى ئامېرىكىغا قويۇشنى تاللايدىغانلار 144 نەپەر بولۇپ ، ئومۇمىي مۈلۈك 568 مىليارد ۋون(3 مىليارد 238 مىليون خەلق پۇلى) بولۇپ ، كىشى بېشىغا 3 مىليارد 900 مىليون ۋون(2233 خەلق پۇلى) دىن توغرا كېلىدىكەن .
ئىگىلىنىشچە ، كورىيە مالىيە مىنىستىرلىكى باجدىن قېچىش قىلمىشىنى توساش ۋە كاپىتالنىڭ قانۇنسىز ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، 2011-يىلىدىن باشلاپ شەخسلەرنىڭ چەتئەلدىكى ھېسابات سوممىسى 1 مىليارد ۋون (5 مىليون 700 مىڭ خەلق پۇلى) دىن ئاشقان چاغدا چەتئەلدىكى كاپىتالىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان .
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-،70-يىللىرى، كورىيەدىكى سىياسىيشۇناسلار ، يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ، كارخانىچىلار قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى زاتلار ئىچىدە مەخپىي ھالدا مۈلكىنى ياپونىيە مالىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇش ئەھۋالى ئەۋج ئالغان ئىدى . ھازىرمۇ ئۇلار داۋاملىق تۈردە بىر قىسىم پۇلىنى ياپونىيە بانكىسىغا قويىدىكەن . 1990-يىلىغا كەلگەندە ، كورىيەدە ئامېرىكىنىڭ مالىيە ئورگانلىرىنى تاللاش خاھىشى بارلىققا كەلگەن ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كورىيەدىكى بايلار كۆپ قىسىم مۈلكىنى ياپونىيەنىڭ مالىيە ئورگانلىرىغا قويۇپ كەلگەن ئىكەن .
بۇنىڭدىن باشقا ، ياپونىيە مالىيە ئورگانلىرىدا بانكا ھېساباتى ئاچقان كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەن . بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، مۈلكىنى ياپونىيە مالىيە ئورگانلىرىغا قويغان كورىيەلىك كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرى 70كە ، ئومۇمىي كاپىتال سوممىسى 5 تېرىليون 223 مىلىيارد 400 مىليون ۋون (29 مىليارد 770 مىليون خەلق پۇلى) غا يېتىدىكەن ، پۇلىنى ئامېرىكىغا قويغان كورىيەلىك كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرى 73 كە ، ئومۇمىي سوممىسى 1 تېرىليون 438 مىليارد 900 مىليون (8 مىليارد 200 مىليون خەلق پۇلى) غا يېتىدىكەن .
2011-يىلى كورىيە ئەمدىلا چەتئەلدىكى كاپىتالىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان ۋاقىتتا ، مەلۇم قىلغان شەخش ۋە قانۇنىي ئىگىلەر جەمئىي 525 كە ، ئومۇمىي كاپىتال سوممىسى ئارانلا 11 تېرىليون 500مىليارد ۋون (65 مىليارد 550 مىليون خەلق پۇلى) بولغان ، كېيىن كورىيە بىلەن شېۋىتسارىيە ۋە باشقا باج ئېلىش بىكار قىلىنغان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، 2012-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، چەتئەل كاپىتالىنى مەلۇم قىلغان شەخس ۋە قانۇنىي ئىگىلەر سانى 652 گە ، كاپىتال ئومۇمىي سوممىسى 18 تېرىليون 600 مىليارد ۋون (106 مىليارد 20 مىليون خەلق پۇلى) غا يەتكەن .

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى : سادىق ھاجى ساتتار
كىيىنكىسى:

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776