نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 54 قېتىم كۈرۈلدى
كورىيە كىنو شاھى ئۆزىدىن 12 ياش كىچىك چولپان بىلەن توي قىلماقچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -30
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى لى بىڭشيەن بىلەن لى مىنجېننىڭ مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئاشكارىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككىيلەننىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆز-ئارا كۆرۈشۈپ بىللە كەچلىك تاماق يېگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان. يېقىندا بولسا ئۇلارنىڭ 2013-يىلى 1-ئايدا توي قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. لېكىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خادىملار توي ئىشىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغان.
كورىيىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى لى بىڭشيەن بىلەن ئۇنىڭدىن 12 ياش كىچىك ئايال چولپان لى مىنجېننىڭ مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئالدىنقى ئايدا ئاشكارىلانغان ئىدى. يېقىندا بولسا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ سىئولدىكى كاتتا ياپونىيە تاماقخانىسىدا بىللە كەچلىك تاماق يېگەن سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئۇلار ئاشخانىدا تاماق يەپ، پاراڭلىشىپ ئۈچ سائەت ھايال بولغاندىن كېيىن قايتقان.ئارقىدىنلا بۇ ئىككى داڭلىق چولپاننىڭ توي قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغان. ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇل ئىش بېجىرىش ئورنىدىكىلەر بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىپ، ئۇ كۈنى پەقەت لى مىنجېننىڭ ئاپىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىللە تاماق يېگەنلىكىنى ئېيتقان.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش