نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 55 قېتىم كۈرۈلدى
ئۆگەي ئوغلىنى خورلىغان ئەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -30
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

9-ئاينىڭ 29-كۈنى چوڭجۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى «ئۆگەي بالىسىنى خورلىغان ئاتا»دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئېچىپ،جاۋابكار ۋېن فامىلىلىككە قەستەن ئادەم زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بويىچە مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن بولۇپ،بۇ قېتىملىق سوت ئوچۇق سوت بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى سىرتتىن ئاڭلىغۇچى بولۇپ سوتقا قاتناشقان بولۇپ،بۇ ئۆگەي دادىنىڭ كىچىككىنە بالىغا قىلغان رەھىمسىزلىكىگە لەنەت ئوقۇدى.ۋېن فامىلىلىكنىڭ بۇرۇنقى ئايالى لى فامىلىلىك سوتقا قاتناشمىغان بولۇپ،سوت ئېچىلىشتىن نەچچە كۈن بۇرۇن بۇ ئايال بىلەن ئالاقىلەشكەن ۋاقىتتا لى فامىلىلىك بۇ ئايال ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ۋېن فامىلىلىكنىڭ چىرايىنى كۆرگۈسى يوقلۇقىنى ئېيتقان ئىكەن.
شۇ كۈنى سائەت 10دىن 15مىنۇت ئۆتكەندە،ۋېن فامىلىلىك سوتقا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ،ئۇچىسىغا ئۇزۇن يەڭلىك مايكا كىيگەن،پۇتىغا قارا ئاياغ كىيگەن ئىدى.سوت رەسمىي باشلانغاندىن كېيىن ئەيىبلىگۈچىنىڭ «ئۆگەي بالاڭنى مۇنداق،مۇنداق قىلدىڭمۇ؟»دېگەن ھەربىر سوئالىغا «ھەئە»«توغرا»«شۇنداق»دېگەندەك جاۋابلارنى بېرىپ ئۆزىنىڭ ئۆگەي بالىسىنى خورلىغان بارلىق قىلمىشىنى بىرنى قالدۇرماي ئىقرار قىلغان.سوت ئاخىرىدا سوتچىنىڭ ئەگەر ھۆكۈمگە قايىل بولمىساڭ بىر دەرىجە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنساڭ بولىدۇ دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ «ياق،ياق ،بۇ ئىشتا ئەسلىدىنلا مېنىڭ خاتا بولغان،مۇشۇنداق جازاغا لايىق»دېگەن.
ئۆگەي بالىسىنى خورلىغان دادا
بۇ يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى،ئايالىنىڭ ئىش قوشۇپ ئىشلەيمەن دەپ بىر كىچە ئۆيگە قايتمىغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولغان ۋېن فامىلىلىك ئاچچىقىنى ئۆگەي بالىسىنى ئۇرۇش بىلەن چىقارغان.ئادەم قېلىپىدىن چىققان ۋېن فامىلىلىك قولىغا يوغان كالتەكتىن بىرنى كۆتۈرۈۋېلىپ،بۇ يىل توققۇز ياشقا كىرگەن ئۆگەي ئوغلى ۋېيۋېي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نى قاتتىق ئۇرغان.نەتىجىدە قاۋۇل ئەرنىڭ توقمىقى ئاستىدا ۋېيۋېينىڭ بىلىكى ۋە سۆڭگىچىنىڭ ئۇستىخانلىرى ئېغىر دەرىجىدە سۇنۇپ كەتكەن بولۇپ دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە،ۋېيۋېي كېيىن بالىلىق بولالمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر يارىلانغان ئىكەن.6-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە،ۋېن فامىلىلىك ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ،ئۆگەي ئوغلىنى خورلىغان قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلغان.6-ئاينىڭ 25-كۈنى،ۋېن فامىلىلىكنى رەسمىي قولغا ئېلىش تەستىقلانغان.
سوت ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن چېڭدۇ سودا گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ۋېن فامىلىلىكنى زىيارەت قىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ دېيىشىچە،ئايالى بىلەن توي قىلغاندىن بۇيان ئايالىنىڭ بىرنەچچە ئىشى كۆزىگە پەقەت سىغمىغان بولۇپ،دائىم مۇشۇ كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىدىكەن.ئۇلار توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي لى فامىلىلىك ئايالنىڭ بويىدا قالغان بولۇپ،بۇ ئايال ئوغلۇم بار بولغاندىن كېيىن تۇغماي بولدى دەپ قاراپ ئېرىگە مەسلىھەت سالمايلا بالىنى چۈشۈرۈۋەتكەن.كېيىن ئېرىدىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ ئېرىنىڭ نامىدىكى يەرنى سېتىپ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى قەرزلىرىنى تۆلىگەن.كېيىن بىر كۈنى ئىدارىدە ئىشلەيمەن دەپ قويۇپ كېچىچە قايتىپ كەلمىگەن.شۇڭا ئايالىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئۆيىدىكى ئۆگەي ئوغلىدىن ئالغان.بۇ ئىش يۈز بېرىپ تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن ئايالى بىلەن ئوغلى بىرەر قېتىممۇ كېلىپ باقمىغان بولۇپ،ۋېن فامىلىلىكنىڭ دېيىشىچە،ئۇلارغا قىلغان زوراۋانلىقىدىن تولىمۇ خىجىل ئىكەن.شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغلىدىن كەچۈرۈم سورىماقچى ئىكەن.
ئېرىدىن ئاجرىشىپ يۇرتىغا قايتىپ كېتىش
9-ئاينىڭ باشلىرىدا لى فامىلىلىك ئاجرىشىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن چوڭجۇدىن ئايرىلغان بولۇپ ئوغلىنىمۇ باشقا مەكتەپكە ئالماشتۇرغان.لى فامىلىلىك ئايالنىڭ دېيىشىچە،ئوغلىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش