نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 139 قېتىم كۈرۈلدى
ئەكبەر سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ ئوبراز پائالىيەتلىرى ئۈزۈلمىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -30
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn/

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn


شىنجاڭدىن چىققان يېڭى بىر ئەۋلاد مۇزىكا ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان ئەكبەر تۇردى يېقىندا ئۆزىنىڭ مەخسۇس جامائەت پاراۋانلىقىغا ئاتاپ ئېيتقان «سۆيگۈ»ناخشىسىنى بېيجىڭ بېقىۋېلىش كۈنىگە تەقدىم قىلىپ، كىشىلەرنى ھايۋاناتلارنى قوغداش ۋە سەرسان كىچىك ھايۋاناتلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا چاقىردى. ئۇنىڭ بۇ خىل ئېسىل خىسلىتى كەڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماي يەنە سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ، ئارقا-ئارقىدىن مودا ماركا پائالىيەتلىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولدى.

بوي ئېگىزلىكى بىر مېتىر 95سانتىمېتىر كېلىدىغان قامەتلىك بەدەن ساپاسىغا ئىگە ئەكبەر ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ناخشا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە مودېل نامى بىلەن ھەر قايسى مودا ماركىلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان. يېقىندا ئەكبەر يەنە بىر داڭلىق مودا ماركىسىنىڭ پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ نومۇر ئورۇنلىدى. ئەكبەر بۇ ھەقتە توختىلىپ مودا ساھەسىنىڭمۇ ئۆز تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى مۇزىكا بىلەن مودا ئېقىمىنىڭ بىرلىشىشىنى بەكرەك قوغلىشىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، مودا پائالىيەتلىرى، ماشىنا كۆرگەزمىسى قاتارلىق سودا ساھەسىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىشى بىلەن مودېل بولۇش ئارزۇسىنىڭ بىخلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە يېڭى پلاستىنكىسىنىڭ جىددىي ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، يېڭى پلاستىنكىسىدىكى «خۇشاللىققا تولغان بازار»قاتارلىق ناخشىلىرىدا ئانا يۇرتى شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرى بىلەن مودا ئېقىم بىرلەشتۈرۈلۈپ ئاجايىپ ئېسىل كۈيلەر ئورۇنلانغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش