نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 36 قېتىم كۈرۈلدى
«بوكس خانىشى» فىلىمىنىڭ تەشۋىقات سۈرىتى ئاشكارىلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -30
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

شياڭگاڭلىق داڭلىق رېژىسسور چېن جىيا رېژىسسورلۇق قىلغان، ئاسىيالىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى تەنناز Maggie Q باش رول ئالغان قانلىق كۈرەشكە تولغان كىنو « بوكس خانىشى» نۆۋەتتە تەشۋىقات سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى.بۇ تەشۋىقات سۈرىتىنىڭ فانتازىيە تۈسى قويۇق، قارا ھەم كۆك رەڭنى ئاساس قىلغان ھازىرقى زامان شەھىرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان،نۇرلۇق ۋە يارقىن ئۈنۈم ئىشلىتىلگەن بولۇپ Maggie Q نىڭ يانتۇ ھالدا ئارقىغا قارىغان قىياپىتى ئىنتايىن قالتىس ۋە سالاپەتلىك چىققان. لى پارك ، سىيۇن فارىسلارنىڭ ھەرىكىتىمۇ سۈرلۈك ئىنتايىن روھلۇق چىققان. كۆرۈنۈشتىكى مۇھىت قارىماققا جىددىي ۋە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تولۇپ تاشقان كۈچ قۇۋۋەتكە تولغاندەك كۆرۈنەتتى.
«بوكس خانىشى» دا لى پارك رول ئالغان سەلبىي پېرسوناژ «لۇكار»نىڭ سەككىز ئەگمىلىك كۆركەم قاش تېشى زۇننار،سەككىز ئەگمىلىك ئەينەك، قىممەتلىك قىلىچتىن ئىبارەت ئۈچ قىممەتلىك بۇيۇمنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن سەككىز يىلان باشنىڭ كۈچ قۇدرىتىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقى، جەمەتلىك قىساسى بولغان سىيۇن فارىس ۋېر يىن لارنىڭ ئامالسىز بىرلىشىپ Maggie Q بىلەن بىرلىكتە لۇكار بىلەن بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.
Maggie Q كىنودا بۇرۇن « X ساقچى»، «ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى» قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان لى پاك بىلەن قالتىس ۋە ھەقىقىي مۇشتلىشىدۇ. Maggie Q شەرق ئاياللىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك سۈرلۈك ۋە گۈزەل چىرايغا ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە رول ئېلىش جەھەتتىمۇ قالتىس ماھارەتلىك.
كىنو 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى 80- يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى ئوخشاش ناملىق ئېلېكترونلۇق ئويۇننىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا 12 مىليون مەبلەغ سېلىنغان. «گومپا شاھى» ۋە «300 جەڭچى» ناملىق كىنولارنى ئىشلىگەن ھوللېۋودتىكى كەسپى فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. كانادا سۈرەتكە ئېلىش تاماملانغان. 10-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قۇيۇلىدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش