نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 28 قېتىم كۈرۈلدى
ئوسكار شاھى يېڭى كىنودا قانۇن مۇتەخەسسىسىنىڭ رولىنى ئالىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -30
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.c

 

Www.AnAdiyar.Cn

نىگولاس كىيج رىچارد كىل بىلەن « سوتتىكى سوئال» ناملىق كىنونى ئىشلىمەكچى بولغان. بۇ قېتىم بۇ ئوسكار كىنو شاھى ئامېرىكىدىكى داڭلىق قانۇن مۇتەخەسسىسى ۋە تارىخ مۇتەخەسسىسى لودنېر سىمورانىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئەنزىلەر توپلىمىنى تۈزگەن.
« سوتتىكى سوئال» ئامېرىكىدىكى ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئەنزىگە ئاساسلىنىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن ئامېرىكىنى تىترەتكەن دېلو ھېسابلىنىدۇ. لورىنىس لېن ئىسىملىك پلاستىنكا ئىشلىگۈچى ئەر يۇقىرى سوممىلىق سۇغۇرتا پۇلىنى دەپ، قاتىل جاموس بېرنى ياللاپ ئايالى ۋە پالەچ بولۇپ قالغان ئوغلىنى ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىدۇ.ئۇنىڭ ئوغلى داۋالاش جەھەتتىكى خاتالىق سەۋەبىدىن پالەچ بولۇپ قېلىپ ئىككى مىليون دوللارلىق يۇقىرى سۇغۇرتا ھەققىگە ئىگە بولغانىدى. ئىشتىن كىيىن لورىنىس مەڭگۈلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. جاموس بېر 1995-يىلى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
بىراق بۇ ئىش ھەرگىزمۇ ئاخىرلاشمىغانىدى. ساقچىلار قاتىل جاموس بېرنىڭ قاتىللىق قىلىشتىن ئىلگىرى قاتىللىق قىلىشقا كۈشكۈرتىدىغان، قانداق قىلسا رەزىل بولغىلى بولىدىغان بىر پارچە كىتاپنى ئۆگەنگەنلىكىنى بايقايدۇ.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلىسى مانا مۇشۇ كىتاپنى نەشىر قىلغان نەشىريات ئۈستىدىن ئەرز قىلىدۇ.لودنېر سىمورا دەل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئائىلە تەكلىپ قىلغان قانون مەسلەھەتچىسى بۇلۇپ چىقىدۇ. (تۈنۈگۈن نىگولاس كىيجنىڭ بۇ كىنودىكى قاتىلنىڭ رولىنى ئالىدىغانلىق خەۋىرى چىققانىدى، بۈگۈن ئاقلىغۇچى بولۇپ چىقىدىغانلىق خەۋىرى بېرىلىپتۇ. قارىغاندا كىنو چىققاندىلا ئېنىق جاۋابقا ئىگە بولىدىغان ئوخشايمىز.كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش