نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 20 قېتىم كۈرۈلدى
يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ كىشىلار ئارىسىدا تارقىلىدىغانلىقىغا دائىر ئىسپات يوقكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -30
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

شىنخۇا تورىنىڭ 29 – سېنتەبىر جەنۋەدىن بەرگەن تېلېگراممىسى باش شىتابى شىۋىتسىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 29 – سېنتەبىر ئاشكارا ئېلان چىقىرىپ مۇنداق دىدى، 29 – سېنتەبىرگە قەدەر، يېڭىدىن يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك مىسالى دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق، ھازىرغا قەدەر، يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا يۇقۇملىنىپ تارقىلىدىغانلىقىغا دائىر ھىچقانداق ئىسپات يوق.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دىدى، مۇشۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ بىمارلارنى مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋالاش سىستېمىغا ئېلىپ كېلىدىغان يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى شۇ كۈنى ئۆز تور پونكىتىدا، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ۋاقىتلىق كېسەللىك مىسالى ئېنىقلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى پايدىلىشىش ماتىرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.

ئېلاندا مۇنداق دىيىلگەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىلگىرى دەلىللەنگەن ئىككى بىمارنىڭ تېنىدىكى يېڭى تىپلىق كېسەللىك ۋىرۇسىنى تەتقىق قىلىش تەجرىبىخانىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. بۇ تەجرىبەخانىلار ھازىر دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان تەجرىبە دورىلىرى ۋە قائىدىلىرىنى ئاللىقاچان ياساپ بولدى، باشقا تەجرىبىخانىلارنى بۇ ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھازىر ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇسنى بايقاش ۋە دەلىللىشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان تەجرىبىخانىلىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.
ئەنگىلىيە 22– چىسلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بىر نەپەر جىددىي خاراكتىرلىك نەپەس سىستېمىسى ئۇنىۋېرسال ئەگەشمە بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش كېسەللىك مىسالىنى دوكلات قىلغان ئىدى. تەجرىبىخانا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر خىل يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىمار بولسا 49 ياشلىق بىر قاتارلىق ئەر بولۇپ، ھازىر ئەنگىلىيەدە داۋالنىۋاتىدۇ. تەخمىنەن ئۈچ ئاي بۇرۇن، سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق بىر نەپەر ئۆلگەن بىمارنىڭ ئۆپكە توقۇلمىلىرىدىن يېڭى تىپلىق ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپى بىلەن %99.5 ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋىرۇس بايقالغان ئىدى.
تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئادەتتىكى زۇكامنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ، سارس كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ئىككى بىماردا بايقالغىنى بىر خىل يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇس، بۇ خىل ۋىرۇس سارسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تاجىسىمان ۋىرۇسقا ئوخشىمايدۇ، ئىلگىرى تاراتقۇلار بۇ خىل يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇسنى «سارس ۋىرۇسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋىرۇس» دەپ ئاتىشى مۇۋاپىق ئەمەس، دىدى .

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش