نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 46 قېتىم كۈرۈلدى
خانىش كەيتنىڭ يالىڭاچ رەسىملىرى يەنە ژۇرنالغا بېسىلىپ غۇلغۇلا قوزغىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -30
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn
Www.AnAdiyar.Cn

تەيۋەن تورى 29-سىنتەبر خەۋىرى (نۇر تورى تەرجىمىسى): خەلقئارا لىنىيىسى ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋىليام ۋە خانىشى كەيت بۇ يىل 9-ئاينىڭ بېشىدا فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شەخسىي داچىسىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا، ماراقچىلار ئوغۇرلۇقچە رەسىمگە تارتىۋالغان. فرانسىيە «CLOSER» ژۇرنىلى كەيت خانىشنىڭ يېرىم-يالىڭاچ رەسىملىرىنى ژۇرنالغا بېسىپ تارقىتىشى بىلەن پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ئىشلار ئەمدىلا بېسىقىپ تۇرىشىغا، دانىيەدىكى بىر ژۇرنالمۇ كەيتنىڭ يالىڭاچ رەسىملىرىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ ئىشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقاردى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، دانىيىدىكى داڭلىق ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان Se Og Horژۇرنىلى كەيت خانىشنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمىنىڭ كالتە ئىشنىنىلا كىيگەن سۈرەتلىرىنى بېسىپ تارقاتقان. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇ ئىشى ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا يەنە بىر قېتىم دەخلى-تەرۇز قىلغان.
دانىيە Se Og Horژۇرنىلىنى كەيتنىڭ يالىڭاچ رەسىملىرىنى 16 بەت باسقان بولۇپ، باشقا ژۇرناللارنىڭكىدىن كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ پارچىسى كەيت خانىشنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمىنىڭ كالتە ئىشتىنىنى يۆتكەۋاتقان ۋاقتىدىكى ئالدى تەرەپتىن تارتىلغان رەسىمى ئىكەن. رەسىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى يەنىلا ئىككەيلەننىڭ فرانسىيىدىكى داچىسىدا ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقىتتىكى مەنزىرە ئىكەن. بۇ ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇ بۇ رەسىملەرنى كىمنىڭ سېتىپ بەرگەنلىكىنى ۋە رەسىمنى سېتىۋالغان پۇلنى كىمنىڭ چىقارغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئەنگىلىيە ئاسمان تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات قانىلى بۇنىڭدىن بۇرۇن، ۋىليام ئەر-ئايال ئىككەيلەن يېرىم يالىڭاچ رەسىملىرىنىڭ ژۇرنالغا بېسىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن «ناھايىتى ئازابلانغان ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن» لىكىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئەنگىلىيە خان جەمەئەتى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ فرانسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ بۇ ژۇرناللىرىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: كامبرىج كېنەز ئەر-ئايال «فرانسىيىدە نەشىردىن چىققان ئەسەر ۋە فوتوگرافنىڭ مۇنداق غەلىتە ۋە ئەدەبسىز ئۇسۇلدا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىدىن ناھايىتى ئازابلاندى»، «بۇ كىشىلەرنى دىئاننا خانىشنىڭ بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن ماراقچىلار تەرىپىدىن قورشىۋىلىنغان مەنزىرىنى ئەسكە سالىدۇ».

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش