نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 27 قېتىم كۈرۈلدى
داڭلىق چولپان ئاننانىڭ يوشۇرۇن توي قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -30
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn


تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ھوللىېۋودنىڭ تەنناز چولپىنى ئاننا ھازاۋاي بىلەن ئادام شالمان كالىفورنىيە ئىشتاتى بىگسۇردا رەسمىي توي قىلغان.

ئالدىنقى ھەپتە داڭلىق لايىھىلىگۈچى ۋالېنتون ئاخبارات ۋاستىلىرىغا :«ئاننا ھازاۋاي ئۆز قىزىمغا ئوخشاش.شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل توي كىيىمى تەييارلايمەن »دېگەن. ھەقىقەتەنمۇ توي كۈنى ئاننا ھازاۋاي ۋالېنتون لايىھىلىگەن ئېسىل توي كۆڭلىكىنى كىيىپ توي قىلغان.

بۇ توي مۇراسىمىغا جەمئىي 180نەپەر مېھمان قاتناشقان بولۇپ توي ئىنتايىن مەنىلىك ھەم ياخشى كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان. ئەپسۇس تاراتقۇلار بۇ توينىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ۋاقتىدا سۈرەتكە ئالالمىغان. چۈنكى ئاننا ھازاۋاي «زۇلمەتتىكى چەۋەنداز»ناملىق فىلىمنى تەشۋىق قىلىۋاتقاندا مۇخبىرلار توي ئىشى توغرىسىدىكى سوئاللارنى سورىغاندا :«توي تەييارلىقى تېخى پۈتمىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشنى تېخى ئويلاشمىدۇق»دېگەن ئىدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن تېزلىك بىلەن يوشۇرۇن توي قىلىۋېلىپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى «ھەسرەت»تە قويغان.

ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەن :«توي مۇراسىمى ئىنتايىن ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. نۇرغۇن دەرەخ شاخلىرى بىلەن ئىنتايىن چىرايلىق توي مۇراسىم مەيدانى ياسالدى »دېگەن.

ئاننا ھازاۋاي بىلەن ئارتىس شۇنداقلا قوشۇمچە ئۈنچە-مەرۋايىت لايىھىلىگۈچى ئادام شالمان مۇھەببەتلەشكىلى 4يىل بولغان ئىككىيلەن بۇلتۇر 11-ئايدا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ئىدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش