نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 56 قېتىم كۈرۈلدى
14 ياشلىق ئوغۇل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 573 نومۇر ئالغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -30
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن جاڭ توڭ توڭ تەبىئىي پەنلەر بويىچە 573 نومۇر بولۇپ خەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر قۇرۇلۇشى كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.باشقىلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ بالا تۇغما ئەقىللىق ئىكەن دەپ ماختىغاندا ، جاڭ توڭ توڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ يېزىدىن كەلگەن دېھقاننىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ، شۇڭا تىرىشىپ ئۆگىنىپ بىر يىل بولسىمۇ بالدۇر ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنى يېنىكلىتىش خىيالىدا مانا مۇشۇنداق تىرىشىپ تەكرار قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ،ھازىرمۇ ئىككى يەردىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىدىغان ۋاقىتلىق خىزمەتنى تاپقانلىقىنى ، مۇشۇ ۋاقىتلىق خىزمەت ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەردىن تۇرمۇش پۇلى ئالماي ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى بارلىقىنى سۆزلەپ بەردى .
تىرىشىپ ئۆگىنىپ 14 يېشىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش
جاڭ توڭ توڭ دىڭيۈەن ناھىيىسى نېڭرېن يېزىسىدىن كەلگەن بولۇپ تۆت ياش ۋاقتىدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئىككىنچى يىللىقتىكى ۋاقتىدا دەرس نەتىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكى سەۋەبى بىلەن ئۈچىنچى يىللىقنى ئوقۇماي بىراقلا تۆتىنچى يىللىققا كۆچكەن.تولۇقسىزغا چىقىدىغان يىلى 2000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە سەككىزىنچى بولۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان . ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى بولسا بۇ ۋاقىتتا جاڭ توڭ توڭ ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن ئىدى . ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن بالىنىڭ سىنىپ ئاتلاپ ئوقۇپ تولۇقسىز ئوتتۇرىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان كىشىلەر ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالغان . ئانىسىمۇ ئوغلىنىڭ مۇنچە تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغانلىقىدىن بەك خۇشال بولغان .
بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن جاڭ توڭ توڭ تەبىئىي پەنلەر بويىچە 573 نومۇر بىلەن خەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر قۇرۇلۇشى كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ تەبىئىي پەنلەر نومۇر سىزىقىدىن 39 نومۇر ئاشۇرغان .
جاڭ توڭ توڭنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە ، جاڭ توڭ توڭنىڭ يېشى كىچىك بولغىنى بىلەن ھەممىدىن بەك ئىش ئۇقىدىغان ،ئۆگىنىشتە تىرىشچان ،ئۆگىنىش قىلغان ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ نازارىتى كېرەك قىلىنمايدىغان ،ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرغان ھەرقانداق تاپشۇرۇقنى تۇنجى بولۇپ تاماملايدىغان تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ ،بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مۇنچە جاپاغا چىداپ ئۆگىنىشنىڭ بىرلا مەقسىتى بار ئىكەن ،ئۇ بولسىمۇ بالدۇر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئىكەن.بۇ بالا يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي بولۇپ بۇ يىل 3-ئايدا ئۆزى بىر قوللۇق ياساپ چىققان «يېڭىچە توڭ ئۆتكۈزگۈچ»مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىكەن .
بالدۇر ئالىي مەكتەپ كىرىشتىكى مەقسىتى ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش
14يېشىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان «ئەۋلىيا بالا» باشقىلارنىڭ قىزىقىپ سورىغان سوئاللىرىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:«ئەمەلىيەتتە ،مەن بەك ئەقىللىق ئەمەس ، بۇ نەتىجىلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنىڭ جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش قىلغانلىقىمنىڭ نەتىجىسى ،مېنى مۇشۇنداق تىرىشىپ ئۆگىنىش قىلىشقا يېتەكلەيدىغان بىر كۈچ بار ئۇ بولسىمۇ بالدۇر ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ئاتا-ئانامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش.دادامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ، شۇنداق بولسىمۇ مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن باشقا قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا پارچە ئىش قىلىپ پۇل تاپىدۇ ،ئائىلىمىزدىكى ئىقتىسادى يۈكى دادامنىڭ زىممىسىدە ئىدى ،شۇڭا دادامنىڭ ئائىلىمىزدە تۈۋرۈكلۈك رولىنى يەنە داۋاملىق جارى قىلىپ تۇرۇشىنى تىلەپ ،ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى مۇشۇ خىل يول ئارقىلىق ھەل قىلىش قارارىغا كەلدىم .»جاڭ توڭ توڭنىڭ ئانىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«ئوغلۇم تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن بۇرۇن تۇرۇپ بولاتتى،چۈشتە چوقۇم بىر سائەت ئۇخلايتتى ، كەچتە سائەت 11يېرىملار بىلەن قايتىپ كېلىپ سەھەر سائەت ئىككىلەر بىلەن ئۇخلايتتى .ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە قولىدا كىتاب چۈشمەيدىغان بولۇپ ،مۇشۇنداق جاپالىق ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاندىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىگەن.»
ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان جاڭ توڭ توڭ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئىككى يەردە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى خىزمىتىنى تاپقان بولۇپ،مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى ھەل قىلماقچى ئىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بالىنىڭ يەنە بىر ئۇلۇغۋار ئارزۇسى بار بولۇپ ،تېزرەك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ياخشى يەردىن خىزمەت تاپقاندىن كېيىن ئانىسىنى ئېلىپ كېلىپ دېڭىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى يەتكۈچە ساياھەت قىلدۇرۇش ئىكەن .

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش