نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 82 قېتىم كۈرۈلدى
جېدەلنى بېسىقتۇرىمەن دەپ ئادەم ئۆلتۈرگەن ئەر 12 يىللىق كېسىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -30
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ۋۇخەن كەچلىك گېزىتى مۇخبىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خوجايىنىنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن بىر ئەر خوجايىنىغا ياردەم قىلىمەن دەپ قارشى تەرەپنى ئۆلتۈرۈپ قويغان. مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىگىلىشىچە،شىڭ فامىلىلىك بۇ جىنايەت گۇماندارى قەستەن ئادەم زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن، شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 12يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان.
خېنەندىن تىجارەت قىلغىلى كەلگەن سوڭ فامىلىلىك ئىجارىگە ئالغان ئۆيىنىڭ ئىگىسى بىلەن ئازراق زىددىيەتلىشىپ قالغان بولۇپ،سوڭ فامىلىلىك مۇشۇ ئىش سەۋەبى بىلەن بۇ يەردىن كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن ئىدى،ئويلىمىغان يەردىن رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىپتۇ دېگەندەك بىر كۈنى بۇ ئىككى ئەر يەنە ئۇچۇرۇشۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن كونا خاماننى سورۇغان سوڭ فامىلىلىك بىلەن ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىپ تۇرغان ليۇ بوۋاي قايتىدىن ئۇرۇشۇپ قالغان.سوڭ فامىلىلىكنىڭ يېنىدىكى ياردەمچىسى شىڭ فامىلىلىك خوجايىنىنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن قولىغا سۈپۈرگىنى ئېلىپ ياردەم بەرگىلى بارغان،ئىككىسىنى ئاجراشتۇرۇش جەريانىدا شىڭ فامىلىلىك ليۇ بوۋاينى كۈچەپ ئىتتىرىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان ليۇ بوۋاي كەينىگە ئۇچۇپ كېتىپ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلۈپ قالغان.
شىڭ فامىلىلىك ليۇ بوۋاينى ئۆلتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن جىنايىتىدىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن.ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قېچىپ يۈرگەن شىڭ فامىلىلىك شيامېندا قولغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ساقچىلارغا ئىقرار قىلىشىچە،ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالغان بولۇپ،خوجايىنىنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال ئارىغا چۈشۈپ جېدەلنى بېسىقتۇرماقچى بولغان، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ليۇ بوۋاينى كۈچەپ ئىتتىرىۋېتىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان، ھەرگىز قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئويلىمىغان ئىكەن.
سوتتا،ئاقلىغۇچى ئادۋوكات شىڭ فامىلىلىكنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ جېدەلنى بېسىقتۇرماقچى بولغانلىقىنى،شۇڭا چوقۇم يېنىكلىتىپ جازا بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بىراق سوت مەھكىمىسى شىڭ فامىلىلىكنىڭ قۇرامىغا يەتكەن كاللىسى ساق ئادەم بولغاندىن كېيىن ياشانغان بوۋاينى كۈچەپ ئىتتىرىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ، شۇڭا قىلمىشى قەستەن ئادەم زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ دەپ قاراپ يۇقىرىقىدەك ھۆكۈمنى چىقارغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش