نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 21 قېتىم كۈرۈلدى
بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -30
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالدى، ساقچىلار قەرز ئىگىلىرى زىيانكەشلىك قىلغان دېگەن پىكىرنى ئىنكار قىلدى
تاۋۇز چاغىنىغا يەنە ئىككى كۈن قالغاندا جىڭ ئائىلىسىكى ئۈچەيلەن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئۈچ ئادەمنىڭ جەسىتى پەنيۈجوڭخەيجىيەنۋەن ئولتۇراق رايۇنى ئۈچۈنچى قەۋەتتىكى تار بالىكوندىن بايقالدى، بۇ ئىش ھەرخىل پەرەزلەرنى پەيدا قىلدى. ساقچىلار بۇ ئۈچ ئادەمدە بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋىلىش ئالامەتلىرى بار دەپ ئۆلۈش سەۋەبىنى ئىچكىرلەپ تەكشۈردى.
3 – قەۋەتنىڭ بالكونىدا ئۈچ جەسەت بايقالدى
ئالدىنقى كۈنى كەچ سائەت سەككىز ئەتراپىدا پەنيۈ رايۇنى لۇشىرۇ يولى خەيجىيەنۋەن ئولتۇراق رايۇنىغا تۇيۇقسىز ئون نەچچە نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرىتى خادىملىرى ۋە ساقچىلار كەلدى. ساقچىلار بىنانىڭ ئالدى ئىشكىنى پىچەتلىدى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋاقتىدا ئۆيگە قايتالمىدى، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرمۇ ئايلىنىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدى. بىر ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى بىنانىڭ يېنىدا توختىدى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى شوتا بىلەن ئۈچۈنچى قەۋەتكە چىقتى. ۋەقە بىنانىڭ يول تەرىپىدە يۈز بەرگەچكە نەق مەيداننى نەچچە يۈزلىگەن ئامما ئورىۋالدى.
ئۇلارنىڭ جەسىتى ئۈچۈنچى قەۋەتتىكى 4 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان تار كارىدوردا بولۇپ بىر ئەر ۋە يەنە بىر ئايالنىڭ يېشى چوڭراق، يەنە بىر ئايال ياش ئىدى. ۋەقە يۈزبەرگەن ئورۇن سەككىز مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇنىڭ ئۈستىگە بوشلۇق تار بولغاچقا قۇتقۇزۇش خادىملىرى شوتا بىلەن چىقىپ ئىچىگە كىردى.
دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى ئوپمۇ – ئوخشاش بولۇپ چىقتى. تۈنۈگۈنمۇ ئىككىنچى قەۋەتنىڭ لەمپىسىدىن قان ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. كېيىن ئىككى دانە قۇتقۇزۇش ماشىنى كېلىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن رازىۋىتكا ماشىنىسى ۋە دەپنە ئىدارىسىنىڭ ماشىنىسى كەلدى.
ساقچىلار قەرز ئىگىلىرى زىيانكەشلىك قىلدى دېگەن قاراشنى ئىنكار قىلدى
ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ 5Aقورۇ 12 – بىنادا ئولتۇردىغانلىقىنى نەچچە يۈزمىڭ يۈەن قەرزى بارلىقىنى ئېيتتى ھەمدە قەرز ئىگىلىرى زىيانكەشلىك قىلغان بولىشى مۇمكىن دېگەندە ساقچىلار بۇ قاراشنى ئىنكار قىلدى. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئۇدۇل قوشنىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى مالىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىشىك چىكىپ قەرز سۈيلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان، ئەمما ئۇلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولۇپ باقمىغانىكەن.
قەرز سۈيلىگۈچىنىڭ گېپى بولغاندا ئولتۇراق رايۇننىڭ كەسپى خادىمى ئادەتتە ئولتۇراق رايۇننىڭ كىرىپ – چىقىش تۈزۈمىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇق – تۇغقان يوقلايدىغانلار ۋە كىرىپ – چىققۇچىلار چوقۇم تىزىملىتىشى كېرەكلىكىنى، يات كىشىلەرنىڭ ئوڭاي كېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ساقچىلار دەسلەپكى قەدەمدە ئۇلارنى بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالغان دەپ قاراپ ئۆلۈش سەۋەبىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يولدىشى جىڭX بۇ يىل 57 ياش، ئايالى 50 ياش، قىزى 22 ياش ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇاڭجۇلۇق بولۇپ بۇ يەردىكى تۇرالغۇسىنى ئىجارە ئالغانىكەن. ساقچىلار نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەكشۈرگەن بولسىمۇ ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆلىۋالغان ياكى قەرز ئىگىلىرى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىگە دائىر ئىسپات تاپالمىدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش