نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 490 قېتىم كۈرۈلدى
ھەج قىلىشقا بارغان 398 نېگىرىيەلىك ئايال تۇتۇپ قېلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -26
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

يەرشارى ۋاقىت گېزىتى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئاگىنتلىقىنىڭ 24-سىنتەبر خەۋەر قىلىشىچەم سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىندا نىگىرىيىدىن مەككە مەدىنىگە ھەج قىلىشقا كەلگەن 400 گە يېقىن مۇسۇلمان ئاياللارنى تۇتۇپ قالغان بولۇپ، سەۋەبى ئۇلارغا بىرەر ئەر تۇققانلىرى ھەمراھ بولۇپ كەلمىگەنىكەن، نىگىرىيە بۇ ئىشنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندىلا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇلارنى قويۇپ بەرگەن.
نىگىرىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بۇ دۆلەتتىن جەمئىي 398 نەپەر مۇسۇلمان ئايال سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان، سەۋەبى ئۇلارغا ئەر تۇققانلىرى ھەمراھ بولمىغان. نىگىرىيەنىڭ ھەج قىلىش ھەيئىتى باياناتچىسى مۇنداق دىدى: بۇ ئاياللار شۇ يەر ۋاقتى 20-سىنتەبر جىددە خەلقئارا ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان بولۇپ، 24-سىنتەبر نىگىرىيە ھەربىر ئايال ئۈچۈن 4000 دوللار «كېپىللىك پۇلى» تاپشۇرغاندىن كېيىنلا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇلارنى ئەر تۇققانلىرى ھەمراھ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ھەج سەپىرىنى تۈگىتىۋىلىشىغا يول قويغان.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش