نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 263 قېتىم كۈرۈلدى
كىلىنتون: خوتۇنۇم زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -26
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بىل كىلىنتون 23-سىنتەبىر مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم، يەنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارىنىڭ 2016-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە مەن خوتۇنۇمنىڭ كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلمىسەممۇ، ئۇنى زۇڭتۇڭ بولۇش سالاھىيىتىگە توشىدۇ،-دەپ قارايمەن.
كىلىنتون شۇ كۈنى ئامېرىكا كولۇمبىيە رادىيو شىركىتى دۇنياغا يۈزلىنىش تېلېۋېزىيە پروگراممىسىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھىلارى تۆت يىل دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ ئازراق چارچىدى، مەن ئۇنىڭ بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بەلكىم ئۇ كىتاپ يېزىشى مۇمكىن، مەن ئۇنىڭغا بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىمەن. بۇ دېمۇكراتىيە پارتىيىسىدىن بولغان سابىق زۇڭتۇڭ مۇنداق دېدى: دېمۇكراتىك پارتىيە ئىچىدە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بار، مېنىڭ خوتۇنۇم ھىلارىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ھېسابلىنىدۇ، مەيلى ئۇنىڭ نېمە ئويلىشىدىن قەتئىنەزەر مەن باشتىن-ئاخىرى ئۇنى قوللايمەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھىلارى 2008-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دېمۇكراتىك پارتىيىسى نامزات ئىسىملىك رىقابىتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغاندىن تارتىپ تاكى رەقىبى ئوبامانى قوللىغانغا قەدەر ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ قايتا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.ھىلارى 2008-يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ ھازىرىقى زۇڭتۇڭ ئوباما ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش